خىتاي قەشقەرنى دۇنيا مەدەنىي مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە ئىلتىماس قىلمىغان

بۇ يىل 1‏-ئايدا، خىتاي، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر يىپەك يولىنى ب د ت مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىلىم-پەن تەشكىلاتىنىڭ 2014‏-يىللىق دۇنيا مەدەنىي مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە رەسمىي ئىلتىماس قىلغان.

خىتاي تەرەپ خېنەن، شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيادىكى يىپەك يولى يادىكارلىقلىرىنى، يىپەك يولىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەۋە قىسمىدىكى نىيە خارابىسى، بېزەكلىك مىڭ ئۆيى، قىزىل مىڭ ئۆي، سىم-سىم مىڭ ئۆيى، تۇيۇق مىڭ ئۆيى ۋە قۇمتۇرا مىڭ ئۆيى قاتارلىق جايلارنى تىزىملىككە كىرگۈزۈشكە ئىلتىماس قىلغان.

قىرغىزىستاننىڭ ئىلتىماسىغا تەڭرى تاغلىرىدىكى بالباللار ۋە قاراخانىيلار پايتەختى بالاساغۇن قەدىمىي شەھىرى كىرگۈزۈلگەن. لېكىن خىتاي تەرەپ قەشقەر شەھىرىنى ئىلتىماس قىلمىغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەرنى چېقىپ، كۆچمەن يۆتكەش پىلانى بولغاچقا، مەزكۇر شەھەرنى قەستەن ئىلتىماس قىلمىغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىككى يىل ئاۋۋال قەشقەر شەھىرىنى قوغداش ھەققىدە قارار ماقۇللاپ، مەزكۇر شەھەرنى چېقىشنى توختىتىش، ئۇنى يىپەك يولىدىكى قوغدىلىدىغان دۇنيا مەدەنىي مىراسىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە ئىلتىماس قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ب د ت مائارىپ، مەدەنىيەت ، ئىلىم-پەن ئورگىنى بۇ يىل تەڭرىتېغىنىڭ كۆندىلەڭ، تۆمۈر چوققىسى، بوغدا ۋە بايىنبۇلاق قاتارلىق جايلىرىنى دۇنيا تەبىئىي مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.