مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى ئەلەم كۈرىشىدە ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل 45 يىلدىن كېيىن سوتقا تارتىلدى


مەلۇم بولۇشىچە، مەدەنىيەت ئىنقىلابى باشلىنىپ بىر يىلدىن كېيىن 1967 - يىلى تەخمىنەن بەش يۈز مىڭ كىشى ئەلەم كۈرىشىدە ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى قوزغىغان مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى ئەلەم كۈرىشىدە ئادەم ئۆلتۈرگەن بىر قاتىلنىڭ ۋەقە يۈز بېرىپ 45 يىلدىن كېيىن سوتقا تارتىلىشى تورداشلار ئارىسىدا مۇنازىرە قوزغىدى.

خىتاينىڭ سىننا تور بېكىتىدە بۇ ھەقتە يېزىلغان ئىنكاسلارنىڭ بەزىلىرىدە، ئەينى يىللىرىدىكى ئەلەم كۈرىشىدە قاتىللىق قىلغۇچىنىڭ 45 يىلدىن كېيىن سوتقا تارتىلىشى، نۆۋەتتىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەۋاتقانلىقى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلسە، يەنە بەزى ئىنكاسلاردا شۇ يىللاردىكى ئەلەم كۈرىشى ۋە كۈرەشتە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ھەقىقىي مەسئۇلىيىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭ تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى خۇ شىڭدۇ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى مەسىلىلەرنى دۆلەت ئۆزى پەيدا قىلدى، بۇ ئادەتتىكى قاتىللىق جىنايەتلىرىدىن پەرقلەندۈرۈلۈشى كېرەك. شۇڭا نەچچە يۈزمىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئەينى يىللىرىدىكى ئەلەم كۈرىشىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا تۆلەم تۆلىشى كېرەك» دېدى.