مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي، ئەنقەرەدە «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 2024-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 3-ئىيۇن كۈنى خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چەتئەل دوستلۇق جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بىر ئۆمەك تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى ناخشا ۋە ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن. سەنئەتچىلەرنىڭ ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت تىياتىرى مۇقام سەنئەت ئۆمىكىدىن كەلگەن.

«شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكىنى تەشكىللىگۈچىلەردىن بىر بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت تىياتىرى مۇقام سەنئەت ئۆمىكىنىڭ دىرېكتورى دىلشات پەرھات مۇنداق دېگەن: «بۇ ئويۇن شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى، بولۇپمۇ ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتىنى نامايان قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ‹مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى› دىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقامى ۋە ‹ماناس› داستانى شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەت كىشىلىرىنىڭ رەڭدار ۋە مول مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى تولۇق نامايان قىلدى».

ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى، جۈملىدىن ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتىنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» بىلەن يۇغۇرۇش شامىلىنى ئەۋج ئالدۇرغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلار توي-تۆكۈن ۋە ھېيت-بايراملىرىنى ئۆز ئادىتى ھەم ئارزۇسى بويىچە ئۆتكۈزەلمەيۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئورنىغا خىتايلارنىڭ چاغان، پانۇس بايرىمى ۋە تاڭزۇڭزا بايرىمى قاتارلىق بايراملىرىنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلىنىپ كېلىۋاتقانىدى. دوكتور ئاندىرېس كوردەك تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئەيىبلەپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى كۈچلۈك بولغان ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، خىتايدىن ئىبارەت بىرلا مىللەت يارىتىشقا ئۇرۇنماقتا» دەپ كۆرسەتكەنىدى.

ئەنقەرەدىكى خىتاي مۇھاجىرلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى پەرىدە ئەنۋەر بۇ ئويۇننى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن نۇرغۇن دوستلارنى نەق مەيداندا كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. بۇ ئويۇن چەتئەلدە ياشايدىغان چەتئەللىك خىتايلارغا سەنئەت زىياپىتى بەرگەن بولدى، مەن يۇرتۇمدىكى كىشىلەرنىڭ چەتئەللەردە ياشايدىغان خىتايلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن ئىنتايىن مىننەتدار».

6-ئاينىڭ 2-كۈنى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلى ۋېي شياۋدوڭنىڭ باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەندە، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا قارشى نامايىش ئېلىپ بارغانىدى.

ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدە «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقىتتا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ بارغان. ئۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ۋە خىتاي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭ بىلەن كۆرۈشكەن. خاقان فىدان ۋاڭيى بىلەن كۆرۈشكەندە: «تۈركىيە خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللايدۇ؛ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى كېڭەيتىشكە تىرىشىدۇ. تۈركىيەنىڭ خىتاي باشچىلىقىدىكى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا كىرىش ئارزۇسى بار» دېگەن.