خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نى ئاقلاشقا ئاتلاندى

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ 12-دېكابىردىن بۇيانقى خەۋەرلىرىدە ئاتۇشنىڭ ئېكساق يېزىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ قىزغىنلىق بىلەن پۇتبول ئويناۋاتقانلىقى، ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى قىرغىز ئۆسمۈرلىرىنىڭ «ماناس» داستانىنى يادلاۋاتقانلىقى، مەكىت ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ «دولان مۇقاملىرى» نى ئۆگىنىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئورۇن ئالغان. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يەرلىك مەدەنىيەت» لەرنى قوغداشقا قانچىلىك زور كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە بايان قىلىنغان.

كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى، بۇ ھالنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە غەرب دۇنياسىدا ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ھەققىدىكى سەلبىي تەنقىدلەر بىلەن ماس قەدەمدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى بولماقتا. بولۇپمۇ شان روبېرتىس (Sean R. Roberts)، جېيمىس مىلۋارد (James A. Millward)، رەچىل خاررىس (Rachel Harris) قاتارلىق بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئۆتكەن ئالتە يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن قىرغىنچىلىقتا بۇ جايدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئاخىرقى نامايەندىلىرى بولغان مەسچىتلەرنىڭ ۋە مازارلارنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقى، ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىنىشى، دىنىي ئېتىقادنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماشتىكى «قانۇنىي ئاساس» قا ئايلىنىشى قاتارلىقلار ھەققىدە بىر قاتار ئوبزورلارنى ئېلان قىلغان. تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» باھانىسىدە ئۇيغۇرلارغا خاس بىر پۈتۈن مەدەنىيەت سىستېمىسىنى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقىتىشتەك باش نىشاننى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقى پاش قىلىنغانىدى.

دەرۋەقە، كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى رېئاللىق بۇنىڭغا ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنىڭ كۆچۈرۈلۈشى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس سانىنى غەرەزلىك كېمەيتىش، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، جۈملىدىن يازغۇچى-شائىرلار، تارىخچىلار، تىلشۇناسلار، مەدەنىيەتشۇناسلار ۋە باشقىلارنى كۆپلەپ تۈرمە-لاگېرلارغا تاشلاش، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى چەكلەش ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارنىڭ قوشۇلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنىدى. ئەنە شۇ خىل قىلمىشلارغا قارىتا خەلقئارادا كۈچلۈك تەنقىد دولقۇنلىرى قوزغالغان ھەمدە خىتايغا قارىتىلغان بىر قاتار ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا چىققان. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇلارنى بىردەك ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە، بۇنىڭغا جاۋابەن تېزدىن «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى بايان قىلىش» شامىلىنى قوزغىغانىدى. نۆۋەتتە خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلىرى داۋاملىق ھالدا ئوخشىمىغان شەكىللەردە كۈچىيىۋاتقانلىقى مەلۇم.