خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مېھمانخانىلارنىڭ «شىنجياڭلىق» خىتايلارنىمۇ ياتقۇزماسلىقى مۇنازىرە قوزغىدى

نۆۋەتتە كىملىك كارتىسىغا «شىنجياڭلىق» دېگەن خەت يېزىلغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىدە مېھمانخانىدا ياتقۇزۇلماسلىق قاتارلىق كەمسىتىشلەرگە ئۇچرىشى تور بېكەتلىرىدە مۇنازىرە قوزغىدى.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىدىن تۆت نەپەر خىتاي كىملىكىدە «شىنجياڭلىق» دېگەن خەت بولغىنى ئۈچۈنلا شەنخەيگۇەن قوۋۇقىدىكى مېھمانخانىدىن ياتاق ئالالمىغان.

سىننا تور بېكىتىدىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مېھمانخانا خادىمى ئۇلارنىڭ كىملىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاۋۋال شۇ يەرلىك ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ «ئۇلار شىنجياڭلىق خەنزۇلار ئىكەن، (ياتاق)بېرىشكە بولامدۇ؟» دەپ سورىغان، ساقچى خادىمىنىڭ ئىزاھاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ خادىم مېھمانخانىدا يېتىشنى تەلەپ قىلغان تۆت نەپەر خىتاي پۇقراسىغا ياتاق بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ ۋەقە تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تورداشلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. بىرەيلەن ئۆز ئىنكاسىدا «دائىرىلەر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىسە، يەنە بىرەيلەن «بۇ خىل، كىملىككە قاراپلا بىر مىللەت ياكى بىر جاي كىشىلىرىنى دۈشمەن دەپ قاراش خاھىشى ئاخىرقى ھېسابتا مىللىي ئۆچمەنلىكنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت ئارزۇ قىلغان مىللىي ئىتتىپاقلىق، تىنچ، ئىناق جەمئىيەتكە يېتىشنىڭ ئورنىغا، تېخىمۇ كۆپلىگەن نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولىدۇ» دەپ يازغان.

ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مېھمانخانىلاردا ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەسلىك مەسىلىسى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى.