ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق كۆڭلەك شىركىتى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان سودا توختاملىرىنى بىكار قىلغان

ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق كۆڭلەك ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى «چارلىس تېرۋىت» (Charles Tyrwhitt)، خېرىدارلىرىنىڭ شىكايىتى سەۋەبلىك خىتايدا كۆڭلەك ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتقان شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئېلىدىكى پاختا تەمىنات زەنجىرلىرى بىلەن بولغان سودا توختامىنى بىكار قىلغان. «چارلىس تېرۋىت» نىڭ قۇرغۇچىسى نىك ۋېللېرنىڭ 3-يانۋار كۈنى ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا» گېزىتىگە بىلدۈرۈشىچە، شىركەت «خېرىدارلارنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرغان». ئۇ يەنە شىركەتنىڭ «شىنجاڭدىكى پاختا تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن بولغان سودا توختامىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، نۇرغۇن خېرىدارلار چارلىس تېرۋىتنىڭ «خىتايدا كۆڭلەك ئىشلەپچىقىرىشىنى خالىمايدىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى ياقتۇرمايدىغانلىقى» نى ئېيتقان. نىك ۋېللېر، خىتايدا كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش بىلەن بىرگە، ئۆتكەن يىلى 7-ئايدىن باشلاپ «شىنجاڭدىكى پاختا تەمىنات زەنجىرلىرى بىلەن بولغان توختاملىرىنى بىكار قىلغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، «خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلىتىدىغانلار بار. بىز قىلالايدىغان ھەرقانداق ئىشتىن يىراق تۇردۇق» دېگەن.

لېكىن نىك ۋېللېر ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قايسى پاختا تەمىنلىگۈچى شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. چارلىس تېرۋىتنىڭ بۇ قارارى ئامېرىكا تاموژنا-چېگرا قوغداش ئىدارىسى بىڭتۇەندە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىشىنى بىردەك چەكلىگەندىن كېيىن ئېلان قىلىندى. ئامېرىكا تاموژنا قوغداش ئىدارىسىنىڭ قارار ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئېلان قىلىنغان. «كۈندىلىك پوچتا» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چارلىس تېرۋىت ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىشىنى ئازايتقان ئونلىغان خەلقئارا كارخانىلارنىڭ بىرى ئىكەن.