ئامېرىكا ۋە ياپونىيە 6-يانۋار يەنى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئارىسىدا خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە تاقابىل تۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان. ياپونىيە كيۇتو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى ۋە ياپونىيە سودا-ئىقتىساد ۋە سانائەت مىنىستىرلىكى تەڭ رەھبەرلىك قىلىدىكەن. خەۋەردە، ئامېرىكا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارىتا چەكلەشنى كۈچەيتىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى، سودا ساھەسى بىلەن بولغان دىئالوگىنى قۇلايلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 6-ئايدىن باشلاپ يولغا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دۇنيانىڭ ئاساسلىق پاختا، پەمىدۇر، كۈنتاختا بازىسى بولغان ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەن. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئۆتكەن ھەپتە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ «شىنجاڭ بىلەن بولغان باغلىنىشى» نى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
كيۇتو ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى كاتېرىن تاي ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كېلىشىمنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقى، بۇ ئىككى دۆلەت سودا ھەمكارلىقىنىڭ «كونكرېت مەھسۇلى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ياپونىيە سودا مىنىستىرى ياسۇتوشى نىشىمۇرا، كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە «قەتئىي يول قويۇشقا بولمايدىغانلىقى»، خىزمەت گۇرۇپپىسى ياپونىيە ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىشىغا ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» ئېكسپورت قىلغان چىلانلارنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.