ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرىنى «ماگنىتسىكى قانۇنى» بويىچە جازالاش ھەققىدە تەلەپ سۇنۇلغان
2024.01.12
ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرىنى «ماگنىتسىكى قانۇنى» بويىچە جازالاش ھەققىدە تەلەپ سۇنۇلغان.
«دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەمىناتى» (SeafoodSource) ناملىق ژۇرنالنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر ئاممىۋى تەشكىلات ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىغا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ئىسپاتلانغان خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزۈش تەلىپىنى رەسمىي يوسۇندا سۇنغان.
ئۆتكەن 10-ئايدا، ئامېرىكادىكى «قانۇنسىز دېڭىز ھەرىكىتى قۇرۇلۇشى» ناملىق مۇستەقىل تەتقىقات ئورگىنى 4 يىل ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتىن كېيىن دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى ئاز دېگەندە 10 دېڭىز مەھسۇلاتى شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە كانادانى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان 20 دەك دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.
يۇقىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدا ئىشلەپ چىقىرىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئامېرىكادا ماقۇللانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا خىلاپلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ «ماگنىتسىكى قانۇنى» بويىچە جازالىنىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 2016-يىلى «يەرشارى ماگنىتسكىي كىشىلىك ھوقۇق جاۋابكارلىق قانۇنى لايىھەسى» نى ماقۇللىغاندىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىمزالىشى بىلەن رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان مەزكۇر قانۇن بويىچە جازالانغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى، ئامېرىكادا مەبلەغ ياكى مال-مۈلۈككە ئېرىشىشى، ھەرقانداق ئامېرىكا شىركىتى بىلەن سودا قىلىشى چەكلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكادىكى مال-مۈلكلىرىمۇ توڭلىتىلىدىكەن.
«دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەمىناتى» (SeafoodSource) ناملىق ژۇرنالنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يۇقىرىدىكى ئەرزنى سۇنغان ئاممىۋى تەشكىلات قانۇنىي تەرتىپلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش باسقۇچىدىكى خىزمەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان.
ئۆتكەن ئايدا، كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» ۋە «كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتى گۇرۇپپىسى» (Human Rights Action Group) دىن ئىبارەت ئىككى تەشكىلاتمۇ، كانادانىڭ يەرشارى ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا دوكلات سۇنۇپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغانلىقى ئىسپاتلانغان 7 خىتاي شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ كاناداغا كىرىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى ئاشكارىلانغان 7 خىتاي شىركىتى بولسا يەنتەي سانكو بېلىقچىلىق شىركىتى، يەنتەي لوڭۋىن يېمەكلىكلىرى، چىشەن گۇرۇھى، شەندۇڭ مېيجيا گۇرۇھى، چىڭداۋ تيەنيۈەن سۇ مەھسۇلاتلىرى، روڭسېنسې گۇرۇھى ۋە شىنجاڭ جۇڭتەي جىخۇي مۇلازىمىتى قاتارلىق شىركەت ۋە مۇئەسسەسىلەردىن ئىبارەت.