ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق خىتاي شىركىتىنىڭ ئامېرىكاغا ئېكىسپورتىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

لوپنورغا جايلاشقان «شىنجاڭ لوپنور شىنلوڭ ۋېرمىكۇلىت چەكلىك شىركىتى» نىڭ، بۇلتۇر 6-ئايدا ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» رەسمىي ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىنمۇ، ئامېرىكا بازىرىغا قىلىۋاتقان ئېكىسپورتىنى داۋام قىلدۇرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئامېرىكادىكى يەرشارى بىخەتەرلىكى ۋە سودىسىغا مۇناسىۋەتلىك تەھدىت ئامىللىرى ساھەسى بويىچە تەتقىقات ۋە سانلىق مەلۇمات ئانالىزى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خارۇن شىركىتى (Kharon) نىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، لوپنورغا جايلاشقان بۇ كانچىلىق ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش شىركىتى، 2017-يىلىدىن 2022-يىلى 10-ئايغا قەدەر كالىفورنىيەدىكى بىر ئامېرىكا شىركىتىگە 8 مىليون 900 مىڭ كىلوگىرام (8900 توننا) ۋېرمىكۇلىت (vermiculite) ساتقان.

ۋېرمىكۇلىت بىر خىل ئىسسىقلىققا چىداملىق ۋە ئىزولياتسىيەلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە مېنېرال ماددا بولۇپ، كۆپ خىل ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدىكەن.

خارۇن تەتقىقات ئورنىنىڭ بايقىشىچە، لوپنوردىكى بۇ شىركەت ئىلگىرىكى يىللاردا ئامېرىكاغا سالغان ۋېرمىكۇلىت مەھسۇلاتلىرىغا ئائىت يۈك تالونلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئادرېسىنى كىرگۈزگەن، بىراق 2022-يىلىدىن تارتىپ «شىنجاڭ» دېگەن ئادرېسنى چىقىرىۋەتكەن. شۇڭا ئۇ ئامېرىكا تاموژنا ۋە چىگرا قوغداش ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ مەھسۇلاتنىڭ كېلىش مەنبەسىنى بايقاپ تۇتۇپ قېلىشىدىن ئۆتۈپ كەتكەن.

خارۇن تەتقىقات ئورنى يەنە خىتايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسەن، «لوپنور سانائەت باغچىسى» نىڭ لوپنوردىكى «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتالغان جازا لاگېرلىرى جايلاشقان ئورۇنلار ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. ئۇلار يەنە 2020-يىلى لوپنورناھىيەسىدىكى بۇ سانائەت باغچىسىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئارقىلىق ئىشچى قوبۇل قىلىنغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىققان.

بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال يېقىندا چىلان مەھسۇلاتلىرىدىمۇ بايقالغان ئىدى. خىتاي شىركەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن چىققان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىدىن يانداپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان. بۇ ئەھۋال ئامېرىكا تاموژنا خادىملىرىنىڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ قېيىنلاشتۇرغان. شۇڭا بىر قىسىم تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى ئىز قوغلاپ ئېنىقلاشلىرى، ئۇلارغا زور ياردەمدە بولماقتىكەن.