ئامىلىي پاڭنىڭ يېڭى كىتابى ئۇيغۇرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە بېغىشلاندى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان زور غۇلغۇلا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى جازالاش چۇقانلىرىغا سەۋەپ بولۇۋاتقان ئىدى. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ تۈرلۈك دوكلاتلار ۋە ئەسەرلەر بۇ خىل قەبىھلىكنى ئۈزلۈكسىز ئەيىبلەب كەلمەكتە.

ئۆز ئەجدادىنىڭ ئۇيغۇر قانداشلىقىدىن پەخىرلىنىپ كېلىۋاتقان ئاخباراتچى ئامىلىي پاڭ قەلىمىگە مەنسۇپ «خىتايدا ئىشلەندى: مەھبۇسلار ۋە ئامېرىكىدىكى ئەرزان توۋارلار» ناملىق ئەسەر پات يېقىندا نەشىردىن چىقىدىغان بولۇپ، ئاپتور ئۆزى ئىگىلىگەن تۈرلۈك پاكتلار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى كەسكىن رەت قلدى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بلەن غەرپ ئىستىمال بازىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىچ مۇناسىۋەتنى شەرھىلىدى.

مەزكۇر كىتاب 300 بەتكە يېقىن بولۇپ، 19 باپقا ئايرىلغان. بۇ كىتاپنى نەشر قىلغان شىمالىي كارولاينا شتاتىدىكى شاپېل خىل نەشرىياتى تاپشۇرىۋالغان ئالدىن زاكازقىلىش تالونلىرى بۇنىڭ زور ئالقىشقا ئېرىشكۈسى بىر كىتاب بولۇپ قېلىشىدىن بىشارەت بەرمەكتە ئىكەن.

يېقىندا ئامىلىي پاڭ بىرلەشمە ئاگېتلىقىنىڭ بۇ كىتاب ھەققىدىكى مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزى بىۋاستە شاھىد بولغان مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر كۆپلىگەن ئۇچۇرلار، دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىشى لازىملىقى، ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنىڭ بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەككە سۆرەپ كىرىلىشى قاتارلىق تۈرلۈك تېمىلار بويىچە كەڭ-كۇشادە توختالدى.