يېڭى زېلاندىيەنىڭ داڭلىق پەمىدۇر قىيامى ماركىسىمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان

يېڭى زېلاندىيەنىڭ داڭلىق پەمىدۇر قىيامى خېئىنز ۋاتتې (Heinz Wattie)، 1930-يىللاردىن بېرى يېڭى زېلاندىيەلىكلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان ئىشەنچلىك مەھسۇلات ۋە داڭلىق ماركا بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ھالبۇكى، يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر دوكلات بۇ ماركىنىڭ داڭقىغا قارا كۆلەڭگە چۈشۈرگەن.

يېڭى زېلاندىيەدىكى «ستۇف» (Stuff) گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى، «خېئىنىز ۋاتتې» پەمىدۇر قىيامىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغىنىش خەۋپى بولغان بىر خەلقئارالىق شىركەت ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ماركىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە سوئال پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 2024-يىلى 12-ئايدا ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادىريان زېنز تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «مەجبۇرىي ئەمگەك، يەر ئىشلىتىشنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە» ناملىق دوكلاتتا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە بۇلغىنىش خەۋپى بولغان 70 خەلقئارالىق ماركىنىڭ تىزىملىكى تۇرغۇزۇلغان.

«Stuff» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، «خېئىنز ۋاتتې» پەمىدۇر قىيامى بۇ دوكلاتتىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە بۇلغىنىش خەۋپى بولغان 70 خەلقئارالىق ماركىنىڭ بىرى ئىكەن. «مەجبۇرىي ئەمگەك، يەر ئىشلىتىشنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە» ناملىق 136 بەتلىك دوكلات، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى، ئىلمىي دوكلاتلار، خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى، يەر زېمىن ھەقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىشى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلمىشلىرىغا چېتىلىش خەۋپى بولغان 72 خەلقئارالىق شىركەت ۋە 18 خىتاي شىركىتىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىققان ئىدى.

«Stuff» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە «خېئىنز ۋاتتې» شىركىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە بۇلغانغان شۇ خىل مەھسۇلاتلارنى يېڭى زېلاندىيەگە ئىمپورت قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىكەن. خەۋەردە «خېئىنز ۋاتتې» نىڭ 2023-يىلى «خىتاي ئاشلىق-ماي يېمەكلىكلەر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى» (COFCO) نىڭ «شىنجاڭ تۇنخې پەمىدۇر قىيامى شىركىتى» دىن ئاز دېگەندە يەتتە تۈركۈم ئىمپورت يوللانمىسى كىرگۈزگەنلىكى، ئادرىيان زېنزنىڭ «شىنجاڭ تۇنخې پەمىدۇر قىيامى شىركىتى» نى «شىنجاڭدىكى ۋەھشىيلىكلەرگە ئەڭ ئېغىر ئارىلاشقان شىركەتلەرنىڭ بىرى» دېگەنلىكى تەكىتلەنگەن. ھالبۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2023-يىلى «خىتاي ئاشلىق-ماي يېمەكلىكلەر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى» نى (COFCO) ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن ئىدى.