ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلىنىشلىق مەھسۇلاتلار ۋىيېتنام ئارقىلىق غەربكە توشۇلماقتا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئىزچىل تۈردە ھەر ساھەنىڭ دىققىتىدە بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان بۇنىڭدىكى بەزى يوچۇقلار ئاشكارا بولۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ماقۇللىغاندىن بۇيان خىتاينىڭ ئامېرىكا تاموژنىسىدىن ئۆتىدىغان تاۋارلىرى بىردەك «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي باغلىنىشلىق ئەمەسلىكى» نى ئىسپاتلاش تەلەپ قىلىنىشقا باشلىغان. نەتىجىدە خىتايلار بۇ ھەقتىكى يوچۇقلارنى ئىزدەپ، تېزدىن ۋىيېتنامنى بۇنىڭدىكى «ئوتتۇرا بېكەت» قىلىۋالغان.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ 26-يانۋاردا ئېلان قىلغان مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى كىيىم-كېچەك ۋە باشقا توقۇلما بۇيۇملار ئامېرىكا تاموژنىسىدا تۇتۇپ قېلىنغان؛

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فىل روبېرتسون بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ دوكلات شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ھازىر شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە ئىشلەپ چىقىرىلغان تاۋارلار كۆپ مىقداردا ۋىيېتنامغا يۆتكەپ كېلىنىپ، ئاندىن بۇ جايدىن ئامېرىكا بازىرىغا يوللانماقتا» دېگەن.

«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلىنىشلىق تاۋارلارغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى نەزەرگە ئېلىپ، نۆۋەتتە مال يوللاش نۇقتىسىنى خىتايدىن باشقا بىر جايغا يۆتكەشكە باشلىغان. بۇنىڭدا ۋىيېتنام ۋە مالايسىيا مۇھىم رول ئوينىغان. شۇ سەۋەبتىن نۆۋەتتە ھەرقايسى ساھەنىڭ كىشىلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋىيېتنام بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىسىدىن پايدىلىنىپ بۇ خىلدىكى رەزىللىككە يول ئېچىپ بەرمەسلىك توغرىسىدا بېسىم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

31-يانۋار ئاخىرلاشقان 2024-يىللىق «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى»دىمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدىكى مەسىلىلەر مۇھىم تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغانىدى.