ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر يېقىندا ئاچقان بىر خىزمەت يىغىنىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغان ساھەلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان «سەككىز چوڭ كەسىي ئىشلەپچىقىرىش توپى» نى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل ئۇيغۇر رايوندا نېفىت ـ تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش ۋە ئېچىش؛ ئولېفىن، ئارېن كەسىپ زەنجىرىنى يېتىلدۈرۈش؛ يۇقىرى دەرىجىلىك پولى ئولېفىن، قۇرۇلۇش پىلاستىك ماتېرىيالى، يۇقىرى ئىقتىدارلىق تالا قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش تۈرلىرىنى زورايتىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپى، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسىپلەر توپى، ئاشلىق، مىۋە-چىۋە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق «8 چوڭ كەسپىي ئىشلەپچىقىرىش توپى» نى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىلىدىكەن.
خىتايدا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان ئىنتايىن قاتتىق كوۋىد يۇقۇمى تەدبىرلىرى تۈپەيلىدىن خىتايدا ئىقتىساد قاتتىق چېكىنگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلە ئارقا-ئارقىدىن يىغىن ئېچىپ ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينى تەمىنلەيدىغان ئېنىرگىيە، ئاشلىق، مېۋە-چېۋە بازىسى، قوي-كالا باقمىچىلىقى بازىسى قىلىش دېگەنلەرنى ھەدەپ تەكىتلىمەكتە ئىكەن.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «8 چوڭ كەسىي ئىشلەپچىقىرىش توپى» نىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغان پاختا ۋە پاختا بويۇملىرى، توقۇمچىلىق، شۇنداقلا يەنە ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلەنگەن كۈنتاختا ياساشتا قوللىنىلىدىغان مېتاللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى، دىققەت قوزغىماقتا.
بۇندىن سرىت يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈر سانائىتىنىڭ راۋاجلاندۇرۇلۇشىمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.