كانادا پېنسىيە فوندى ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىغا مەبلەغ سېلىشتىن چېكىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.02.13
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

كانادا پېنسىيە فوندى مەبلىغى ھەيئىتى، مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكى لاگېرلىرىغا چېتىشلىق پاسسىپ كۆرسەتكۈچ فوندلىرىغا مەبلەغ سېلىشتىن چېكىنىپ چىقىشنى سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. كانادادىكى «مۇز مەركىزى كانادالىقلار» ناملىق تەشكىلاتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە دىرېكتورى رىك پېتېرسون يېقىندا كانادا پېنسىيە فوندى مەبلىغى ھەيئىتىنىڭ يازغان بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇ خەتتە «خوڭكوڭ كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتىغا ئىنكاس بىلدۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، «خوڭكوڭ كۆزىتىش تەشكىلاتى» بۇ دوكلاتتا، كانادا پېنسىيە فوندىنىڭ 14 مىليارد دوللارلىق كۆرسەتكۈچ فوندى مەبلىغىنىڭ ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكى لاگېرلىرىغا چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە سېلىنغانلىقى پاش قىلىنغانىكەن.

«مۇز مەركىزى كانادالىقلار» تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادا پېنسىيە فوندى مەبلىغى ھەيئىتىنىڭ يەرشارى ئاممىۋى ئىشلار دىرېكتورى مىشېل لادۇك قەلەمگە ئالغان بۇ خەتتە: «بىز مەبلەغ سالغان بارلىق شىركەتلەر شۇنداقلا مەبلەغ سالغۇچى شېرىكلىرىمىز، جۈملىدىن كۆرسەتكۈچ فوندى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ تىجارىتىنى قانداق ئېلىپ بېرىشتا كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئويلىشىشى كېرەك، دېگەن قارىشىڭىزغا ئورتاقلىشىمىز» دېيىلگەن. مىشېل لادۇك خېتىدە يەنە مۇنداق دېگەن: «كىشىلىك ھوقۇق بىزنىڭ ئورگان ئۇزۇندىن بۇيان دىققەت قىلىپ كەلگەن مەركىزى نۇقتا، بىز ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغان پۇرسەت بار، دەپ قارىغان شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىمىز. سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ناھايىتى مۇھىم، شۇئان سىزگە بىزنىڭ مەبلەغ سالغۇچى شېرىكلىرىمىز بىلەن بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئېيتالايمەن».

«مۇز مەركىزى كانادالىقلار» نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىنتايىن مۇھىم نەتىجە بولۇپ، بۇ تەشكىلات ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغانغا قەدەر كانادا پېنسىيە فوندى ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا چېتىشلىق شىركەتلەرگە بىۋاسىتە مەبلەغ سالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەنىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.