كېڭەش پالاتا ئەزاسى رون ۋېيدىن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى يىرگىنچلىك ئەخلاقسىزلىق بولۇپلا قالماي، ئامېرىكالىق ئەمگەكچىلەرگە بىۋاسىتە تەھدىت»
2023.02.17
16-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ مالىيە كومىتېتى (Senate Committee on Finance) «ئامېرىكا سودا قانۇنىنى يېڭىلاش، مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش، ئامېرىكالىق ئىشچىلارنى قوغداش» نامىدىكى بىر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا خىتاينىڭ سودا ئالدامچىلىقى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە تېمىسى بولغان.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى رون ۋېيدىن (Ron Wyden) سۆزىدە خىتاينىڭ سودا ئالدامچىلىقى ھەمدە دۆلەت قوللىشىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئامېرىكالىق ئىشچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى نۇقتىلىق مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ سۆزىدە «سودا ئالدامچىلىقىنىڭ ئەڭ يارقىن مىسالى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قوللىشىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىدۇر» دېگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «دۆلەت قوللىشىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئۇيغۇر رايونىدا ئەۋج ئالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خالىغانچە قولغا ئېلىپ، ئۇلارنى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا تاشلىدى، ئۇلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ ئەڭ ناچار شارائىتتا ئىشلەشكە مەجبۇرلىدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان بۇ مۇئامىلىسى پەقەتلا بىر يىرگىنچلىك ئەخلاقسىزلىق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكالىقلارنىڭ خىزمىتىگە بىۋاسىتە تەھدىت ئەپ كېلىدىغان مەسىلىدۇر».
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ماتېماتىكا ئىنتايىن ئاددىي. خىتاي شىركەتلىرى ئىنتايىن تۆۋەن مائاش ۋە مۇھىتنى خالىغانچە بۇلغاش ئارقىلىق ئامېرىكا بازارلىرىنى ئەرزان باھالىق تاۋارلار بىلەن تولدۇرۇۋەتتى. بىزنى رىقابەتتە ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى. ئامېرىكالىق ئىشچىلار دۇنيانىڭ ئەڭ ئىشچان ئەمگەكچىلىرى بولغان تەقدىردىمۇ، قۇللۇق ئەمگىكى بىلەن رىقابەتلىشىپ بولغىلى بولمايدۇ».
كېڭەش پالاتا ئەزاسى رون ۋېيدىن سۆزى داۋامىدا ئۆزىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە ياسالغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش ئۈچۈن ئامېرىكادىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن ۋە ئۆزىنىڭ ھازىر ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا تەمىنلەش زەنجىرلىرى، ترانسپورت ۋە ئەمگەكچىلەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئوخشىمىغان ئورگانلاردىن ۋەكىللەر سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكانىڭ سودا قانۇنىدىكى بوشلۇقلارنى قانداق ئېتىش، چېگرا ۋە تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى توسۇپ قېلىشىنى قانداق قىلىپ يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىندىكى گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان ئىشچىلار ھوقۇقى بىرلەشمىسى دىرېكتورى سىكوت نۋوا مەخسۇس ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىش ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.