تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن ئەنگلىيەدىكى بورنېموس ئايروپورتىغا كېلىدىغان يۈك ئايروپىلانلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى ئەنگلىيەگە توشۇش بىلەن چېتىشلىق ئىكەن.
5-فېۋرال، ئەنگلىيەدىكى «كۈندىلىك ئىنكاس» (Daily Echo) تورىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مەخسۇس خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بورنېموس ئايروپورتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ باغلىنىشى قورقۇنچلۇق دەرىجىگە يەتكەن. «قۇللۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا تەتقىقات تۈرى» نىڭ مەسئۇلى كلوي كرانستون (Chloe Cranston) بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، «ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلار ئاتالمىش ›قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى‹ ۋە دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلار ئۈچۈن مال تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا ئىشلەيدۇ. بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى مال تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئاز دېگەندە 5 يىل ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىنى ۋە ئۇ يەردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلىمىز» دېگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە پارلامېنتى كېڭەش پالاتا ئەزاسى داۋىد ئالتون (David Alton) مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى چەكلەش ھەققىدىكى مۇزاكىرىدە، بورنېموس يۈك ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى توشۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئەنگلىيە تاموژنا ئەمەلدارلىرى ئۈرۈمچىدىن بورنېموس ئايروپورتىغا توشۇپ كېلىنگەن ماللاردىن قانچىسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن باغلانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆردى؟» دېگەن.
كلوينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى چەكلەشنى يىلدىن يىلغا كۈچەيتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىگە قاتنايدىغان ئەنگلىيە يۈك ئايروپىلانلىرىنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىغا كىرەلمىگەن ماللار ئەنگلىيەگە كىرىپ، ئەنگلىيەنى خىتاينىڭ «ئەخلەتخانىسى» غا ئايلاندۇرۇپ قويغان.