«تۆپىلىك» گېزىتى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى سەرمايە بازىرىدىمۇ جازالاشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.03.20
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ۋاشىنگتوندىكى «The Hill» يەنى «تۆپىلىك» گېزىتى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە، ئ‍ەگەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلىمەكچى بولسا قانۇن چىقىرىپ، ئۇنىڭغا چېتىشلىق شىركەتلەرنى ئامېرىكا كاپىتال، يەنى سەرمايە بازىرىدىمۇ جازالىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» چىقىرىپ، بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى توسقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەھسۇلاتلار داۋاملىق ئامېرىكا بازىرىغا كىرمەكتىكەن. «دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ مەجبۇر ئەمگىكىدىن يەرشارىنى قانداق قۇتۇلدۇرالايدۇ» ماۋزۇلۇق بۇ ماقالىنى «گۈللەنگەن ئامېرىكا ئۈچۈن دۆلەت بىخەتەرلىك سىياسىتى ۋە ئىستراتېگىيە بىرلەشمىسى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى روبىي ستېفھنېي سائۇندېرس خانىم قەلەمگە ئالغان.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا تاموژنىسىدا 800 دوللاردىن تۆۋەن ماللارغا ھېچقانداق چەكلىمە قويۇلماسلىقى ئامازون، ئالىبابا، شېئىن قاتارلىق تور بازارلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى كىرگۈزۈشىگە بوشلۇق ئېچىپ بەرگەن. ماقالىدا، ئامېرىكا تاموژنىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلاردا ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىقى، شىركەتلەرنىڭ ئىمپورت سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاشكارىلىماسلىقىنى تەلەپ قىلالىشى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بۇنى نازارەت قىلىشىغا كاشىلا پەيدا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ قىممىتى 2500 دوللار ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق مەھسۇلاتلارغا تەتبىقلىنىشى قىممىتى ئاز ماللارنىڭ داۋاملىق ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىگە يول ئاچماقتىكەن. ماقالىدا، خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە داۋاملىق مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقى، ئەگەر دۆلەت مەجلىسى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئۈنۈملۈك توسماقچى بولسا، بۇ شىركەتلەردىكى ناچار ئەھۋاللارنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئامېرىكا كاپىتال، يەنى سەرمايە بازىرىدىمۇ جازالىشى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا كاپىتال بازىرىغا كىرىشىنى توسۇشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تەدبىر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتىكى «كۈچلۈك مەلھەم» ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.