ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىككى ئەزاسى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنېرگىيە تەشكىلاتىغا خەت يېزىپ، ئامېرىكا قۇياش ئېنېرگىيەسى شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن قانچىلىك باغلىنىشى بارلىقىغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خەتنى جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىيو بىلەن دېموكراتىك كېڭەش پالاتا ئەزاسى جەف مېركلەي 23-مارت «ئامېرىكا قۇياش ئېنېرگىيە سانائىتى جەمئىيىتى» گە يازغان.
ئۇلار خېتىدە، بۇ جەمئىيەتتىن «ھازىر ئامېرىكا قۇياش ئېنېرگىيە تەمىنات زەنجىرىنىڭ شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان كرىمنىي كرىستالى ۋە قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىغا قانچىلىك تايىنىدىغانلىقى» غا ئائىت ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنىلىشى، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. كرىمنىي كرىستالى قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسىنىڭ ھالقىلىق خام ئەشياسى بولۇپ، دۇنيا كرىمنىي كرىستالىنىڭ 40 % ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن.
ماركۇ رۇبىيو بىلەن جەف مېركلەي خېتىدە ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «بىز ئامېرىكا قۇياش ئېنېرگىيەسى شىركەتلىرىنى 6-ئايغىچە شىنجاڭ رايونىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىشقا چاقىردۇق ھەمدە ئۇلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەكتىن خالى مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن تەمىنلەش زەنجىرىنى تەقىب قىلىشقا ئائىت بىر كېلىشىم ئۈستىدە جىددى ئىشلەۋاتىمىز» دېگەن. ماركۇ رۇبىيو بىلەن جەف مېركلەي بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا دۆلەت مەجلىسىگە ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى بىردەك چەكلەش توغرىسىدا بىر قانۇن لايىھەسى سۇنغان.