كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋايدېن، تېسلا ۋە GM شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى رون ۋايدېن 28-مارت كۈنى تېسلا، GM، يەنى ھەممەباپ ئاپتوموبىل، خوندا، مېرسىدېس، ۋولكىسۋاگېن قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرىغا خەت يېزىپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىغا چەشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ رون ۋايدېننىڭ تۇنجى قېتىم بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى ئەمەس. رون ۋايدېن ئۆتكەن يىلى 12-ئايدىمۇ 8 داڭلىق ئ‍اپتوموبىل شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرىغا خەت يېزىپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان زاپچاسلارنى ئىشلەتكەن ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئامېرىكادا سېتىلىشىغا بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

«بلۇمبېرگ» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىم رون ۋايدېن تېسلا، ھەممەباپ قاتارلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىگە ۋە بۇلارنىڭ ئاساسلىق تەمىنلىگۈچى كارخانىلىرىغىمۇ خەت يازغان. رون ۋايدېن بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ئىشلەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشتا قانداق تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. رون ۋايدېننىڭ خېتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2022-يىلى 6-ئايدىن بېرى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئاساسەن نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنى چېگرادا توسۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ يەنىلا ئامېرىكا بازىرىغا كىرىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا يېزىلغان.

ئەنگىلىيەدىكى شىفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلېنا كىننېدى تەتقىقات مەركىزى ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خەلقئارادىكى داڭلىق ئاپتوموبىللارنىڭ ئاساسان ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئۇيغۇر مەجۇرىى ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. «بلۇمبېرگ» ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رون ۋايدېننىڭ خېتىدە «كومىتېتىمىزنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلار يۇقىرىقىى 1-دەرىجىلىك تەمىنگۈچى شىركەتلەرنىڭ تۆۋەندىكى تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە تايانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى جىددىي سۇئال پەيدا قىلدى» دېيىلگەن.