ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى بايانات ئېلان قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قارمىقىدىكى سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى دانتې پېس ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقى، قىيناق مەسىلىلىرى، دىنىې ئېتىقاد ئەركىنلىكى، زامانىۋىي قۇللۇق مەسىلىسى قاتارلىق 15 ساھەنىڭ ئالاھىدە مەلۇماتچىلىرى بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىسىدىن ئۆزلىرىنىڭ بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

29-مارت كۈنى ب د ت نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگىرلار ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆلىمى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ «ئۇيغۇر ئىشچىلار ھېچقانچە تېخنىكا تەلەپ قىلمايدىغان تۆۋەن مائاشلىق كەسپلەردە زامانىۋى قۇللار ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقىنىڭ كۆپلەپ ئىسپاتلىرى مەلۇم بولماقتا. بىز بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئەندىشىدە» دېيىلىدۇ. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەمدە «نامراتلىقنى تۈگىتىش» نى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى «قانۇنسىزلىق» دەپ ئەيىبلىنىدۇ.

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 دۆلەتكە بۇ ئەھۋالنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە شېرىك بولۇپ قالماسلىققا چاقىرغان.