ئەنگىلىيە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە ئىشلەنگەن كۈنتاختىلارنىڭ تۆكمە بازىرىغا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن

ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى، ئەنگىلىيەنىڭ ئۇيغۇر «قۇللار ئەمگىكى»، يەنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان كۈنتاختىلارنىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىش بازىرىغا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان.

ئەنگىلىيە «تېلېگراف» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئالىسىيا كرېنىس (Alicia Kreans) ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەر ئىككىسى ئۇيغۇر «قۇللار ئەمگىكى» دە ئىشلەپچىقىرىلغان كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەنلىكى، كۈنتاختا مەھسۇلاتىنىڭ تەخمىنەن 98 پىرسەنتى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىۋاتقان ئەھۋالدا، بۇ كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەنگىلىيەگە ئېقىپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. ئالىسىيا كرېنىسنىڭ ئەنگىلىيە ئۈچۈن ئىنتايىن ھالقىلىق بىر پەيتتە بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى بەرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

«تېلېگراف» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى يول خەرىتىسىنى ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىكەن. ھۆكۈمەتنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى يول خەرىتىسىدە ئەنگىلىيەنىڭ كۈنتاختا كۆلىمىنى ھازىرقى 18 گېگاۋاتتىن 2035-يىلغىچە 70 گېگاۋاتقا چىقىرىشى پىلانلانماقتا ئىكەن. خەۋەردە بۇ ئەنگىلىيەنىڭ مىليونلىغان كۈنتاختىلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى ۋە بۇ كۈنتاختىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتايدىن كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ئەنگىلىيە شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى ھېلېنا كېننىدى مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا كۈنتاختا بازىرىنى مونوپول قىلغان خىتاينىڭ كۈنتاختا ئىشلەپچىقىرىشى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە زىچ باغلىنىشلىق ئىكەن. «تېلېگراف» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئالسىيا كرېنىس خىتاينىڭ كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنى بۇنداق ئەرزان باھادا ئىشلەپچىقىرىشى پەقەت كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرى ئەمگەك ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدىكەن.

ئالسىيا كرېنىس مۇنداق دېگەن: «كۈنتاختا ئېنېرگىيەسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئەڭ پاسكىنا ھەم جىنايەت شېرىكى بولغان سانائەت تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئەنگىلىيە قۇللار ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىغان كۈنتاختىلارنىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىش بازىرىغا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.»

ئالسىيا كرېنىسنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگىلىيە پاكىز ئېنېرگىيە سەرپىياتىغا ئۆتۈشتە «قۇللار ئەمگىكىگە شېرىك بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىپلا قالماي، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇپ قېلىشتىنمۇ ساقلىنىشى كېرەك» ئىكەن.