ئامېرىكا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشنىڭ يەنىمۇ ئۈنۈملۈك يوللىرىنى ئىزدىمەكتە

«ۋال-سىترىت ژۇرنىلى» گېزىتى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە ئامېرىكانىڭ تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تاقابىل تۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

«ۋال-سىترىت ژورنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، 18-ئاپرىل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشتا ھازىرغىچە قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ۋە يەنە قانۇندىكى بوشلۇقلار ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭدا يەنە ئامېرىكانىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، شۇ كۈنىدىكى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» رەسمىي ئىشقا كىرىشكەن 10 ئايدىن بۇيان ئامېرىكا چېگراسىدا 1 مىليارد 100 مىليون دوللارغا يېقىن مالنىڭ تۇتۇپ قېلىنغانلىقى دوكلات قىلىنغان.

يۇقىرىقى بۇ تەرەققىيات ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنى خۇرسەن قىلغان، بىراق كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي: «بۇ بىر مۇۋەپپەقىيەت بولسىمۇ، ئەمما پەقەتلا دېڭىزدىكى مۇز تاغنىڭ كۆرۈنگەن بىر قىسمى. بۇ قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئەندىزىدە بۇرۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلمايۋاتقان ياكى يوچۇقتىن پايدىلىنىۋاتقان شىركەتلەر جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك» دېگەن.

خەۋەردە يەنە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغانغان تاۋارلارنى ئۈچىنچى دۆلەت ئارقىلىق ئامېرىكا بازىرىغا كىرگۈزۈۋاتقان ئەھۋالمۇ تىلغا ئېلىنىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ۋەدە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.