خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى يەنە ئىنكار قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.04.30

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىغا ئائ‍ىت ئىشەنچىلىك ۋە يېتەرلىك پاكىتلارغا قارىماي، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلىقىنى داۋاملىق ئىنكار قىلماقتا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 30-ئاپرىل خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدا يەنە ئاخبارات يىغىنى ئ‍ۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىن رەت قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭنىڭ ئ‍ىلگىرى سۈرىشىچە، «شىنجاڭ خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىغا ئىزچىل ئەمەل قىلماقتا» ئىكەن. خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھازىرغا قەدەر بۇ تەشكىلاتنىڭ ھالقىلىق كېلىشىملىرىگە ئىمزا قويمىغان.

30-ئاپرىل ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق كىيىم-كېچەك ئىگىلىكى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئوبۇلھەسەن ئوبۇلقاسىم ۋە ئالىدە تۇرئەخمەت ئىسىملىك غۇلجادىكى بىر كىيىم-كېچەك كارخانىسىنىڭ ئىشچىسىنى گۇۋاھلىق بەرگۈزگەن. ئالىدە تۇرئەخمەت: «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى خىزمەت تاللاشتا ئەركىن. قەيەرگە بېرىپ، قانداق خىزمەت قىلىشنى ئۆ ئىختىيارلىقى بىلەن تاللايدۇ،» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلسىمۇ، بىراق ئۇ خەلقئارا ئەمگەك نازارەت قىلىش تەشكىلاتلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى رەت قىلىپ كەلدى. 30-ئاپرىلدىكى ئاخبارات يىغىنى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى بايقۇت قىلغان شىركەتلەر تېخىمۇ كۆپىيىۋاتقان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن. ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە تېخىمۇ كۆپ ياپونىيە شېركىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك خىتاي شىركەتلىرىنى بايقۇت قىلىشنى پىلانلىماقتا ئ‍ىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.