5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى ئېلان قىلغان ئاخباراتتىن ئىگىلىشىمىزچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى رەئىسى مايك گالىگېر (Mike Gallagher)، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئەزاسى راجا كىرىشنامورتى (Raja Krishnamoorthi)) قاتارلىقلار 5-ئاينىڭ 2-كۈنى نايك، ئادىداس، شېيىن (Shein)، تېمۇ (Temu) شىركەتلىرىگە خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ مال تەمىنلەش لىنىيەسىنىڭ تا ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە 2021-يىل 6-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئۇلار يەنە خىتاي شىركەتلىرى بولغان شېيىن بىلەن تېمۇغا خەت يېزىپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا سودا قانۇنىدىكى يوچۇقتىن، يەنى 800 دوللاردىن تۆۋەن باھادا مال كىرگۈزۈشكە بولىدىغانلىق رۇخسىتىدىن پايدىلىنىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دىن ئەگىپ ئۆتۈپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكادىكى ئىستېمالچىلارغا سېتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مايك گالىگېر مۇنداق دېگەن: «بىز بۇ خەت ئارقىلىق سودا ساھەسىدىكىلەرگە شۇنى دېمەكچى: مەيلى قانچىلىك قىيىن بولسۇن، مال تەمىنلەش لىنىيەڭلار پاكىز بولسۇن، يا بولمىسا مەجبۇرىي ئەمگەك دۆلىتى بولغان خىتايدىن ئايرىلىڭلار».
راجا كىرىشنامورتى مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكالىقلار ئۆزىنىڭ كىيىۋاتقان كىيىملىرىنىڭ قانچىلىكىنىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن كەلگەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز. بۇ شىركەتلەر ئۆزىنىڭ قانۇنغا ئەمەل قىلغانلىقىنى، تەمىنلەش لىنيەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىللىرىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەك. بۇ پەقەت بىزنىڭ ئۇلارنى تەكشۈرۈشتىكى بىرىنچى قەدىمىمىز».