«ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلى: «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشتا مەجبۇرىي ئەمگەكنى قوللانماقتا»

خەلقئارادا نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلى 30-ماي كۈنى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، خىتاينىڭ قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى تاقاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشتا داۋاملىق مەجبۇرىي ئەمگەكنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ژۇرنالنىڭ «شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئۆزگىرىشى» ناملىق بۇ دوكلاتى، ئۇنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ رايوننىڭ قەشقەر، يەركەن قاتارلىق ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق ناھىيە، شەھەرلىرىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشى ئاساسىدا تەييارلانغان. دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، «خىتاي قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى تەدرىجىي تاقاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا داۋاملىق ئەمگەك ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر-خىيالىنى ئۆزگەرتمەكتە» ئىكەن.

«ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىنىڭ بۇ دوكلاتى، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان ئەللىرى ۋە 3-دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ژۇرنالىست، دىپلومات ۋە ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا نىشانلىق زىيارەتكە تەشكىللەپ، ئۇلار ‍ئارقىلىق رايوندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى رەت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان. دوكلاتتا، يەركەن ناھىيەسى كونابازار يېزىسىدىكى خىزمەت ئەترىتىنىڭ «ئىدېئولوگىيەلىك سەپەرۋەرلىك» بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكى، «بۇ سەپەرۋەرلىكنىڭ مەقسىتى پاسسىپ دېھقانلارنى باشقا ئىشلارغا سېلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. لېكىن دوكلاتتا مۇخبىرلار ئۈچۈن بۇ خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ دېھقانلارنى بايراق چىقىرىشقا تەشكىللەش، كەچلىك كۇرسقا قاتناشتۇرۇش قاتارلىقلاردىن نېمىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەكشۈرۈشى مۇمكىن ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ بىر مىليون كىشىنى، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ كىشىنى ‹كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش مەركەزلىرى›نامىدىكى تۇتقۇنلار لاگېرلىرىغا ئەۋەتىشىدىن بېرى، ئۇيغۇر رايونىدا خىتاينىڭ قاتتىققول باستۇرۇشىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان كىشىلەرگە دائىر بىرىنچى قول ماتېرىياللارغا ئېرىشىشى تېخىمۇ قىيىنلاشقان ئىكەن. دوكلاتتا، «غەربلىك تەتقىقاتچىلار لاگېرلارنىڭ 2020-يىلىدىن باشلاپ تەدرىجىي تاقىلىشقا باشلىغانلىقىغا ئىشەنسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدىن مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يەركەن كونابازىرىدىكىگە ئوخشاش يەنىلا كەڭ كۆلەملىك داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە» دېيىلگەن.