ئامېرىكانىڭ بايدېن ھۆكۈمىتى 12-ئىيۇندىن باشلاپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىككى شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلىگەن. ئامېرىكانىڭ بۇ ئىككى خىتاي شېركىتىگە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ بۇ ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېمبارگو قويۇشى دىققەت قوزغىدى. ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ 9-ئىيۇن ئېلان قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ ئورگانلارئارا مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئاساسەن خىتاينىڭ «شىجاڭ جوڭتەي خىمىيە شىركىتى» بىلەن خىتاينىڭ لازىرلىق باسما ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان «ناسىدا ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» ۋە ئۇنىڭ گۇاڭدۇڭ جۇخەيدىكى 8 تارماق شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەن.
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قارار يۇقىرىقى شىركەتلەرنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زۇلۇم ئاستىدىكى مىللەتلەرگە قارىتا سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئاساسەن چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سانى 22 گە يېتىپ بارغان. باياناتتا ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالىخاندرو مايوركاس: «مىنىستىرلىقىمىز كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا يول قويمايدۇ ۋە چېگرا ئېغىزلىرىمىزدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلارنى شىددەتلىك باستۇرۇۋاتقان ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ماتېرىيال ۋە ئەمگەك كۈچىنى ئىشلەتكەن بارلىق مەھسۇلاتلارنى داۋاملىق چەكلەيدۇ» دېگەن.
لېكىن ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ سۇنغۇچىسى ماركۇ رۇبىئو بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى خىتاي شىركىتىنىڭ چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقى، «لېكىن بۇنىڭ پەقەت چېلەكتىكى بىر تامچە بولۇپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكى» نى ئېيتقان.