خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى ۋە لاگېر مەھبۇسلىرىنى ھەرقايسى جايلاردىكى خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشى ھەرقايسى ساھەنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلگەنىدى. 15-ئىيۇن كۈنى «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» بايانات ئېلان قىلىپ «شەرقىي تۈركىستاندىكى كىيىم-كېچەك زاۋۇتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە ماڭماقتا» دەپ كۆرسەتتى.
باياتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە يۈزلىگەن دۇنياۋى ماركىلار ئۇيغۇرلار دىيارىدىن پاختا ۋە كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلماقتىكەن. ئەمما بۇلارنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان مىليونلارچە كىشىنىڭ لاگېرلار بىلەن بولغان باغلىنىشى دۇنيانىڭ نەزىرىدىن چەتتە قالماقتىكەن.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي خەۋەردە «ئۇچىمىزدىكى كىيىملەردىن ئاز دېگەندىمۇ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە پۈتكەن بولۇشى مۇمكىن» دېيىلىدۇ. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نېيسېن رۇسېر بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل بولغان تەمىنات زەنجىرى ھەققىدە توختىلىپ «خىتاي بىلەن پاختا سودىسى قىلغانلىكى كىشى ئۇيغۇرلاردىن خالىي بولغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى تەسەۋۋۇر قىلمىسىمۇ بولىدۇ» دەيدۇ.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولىدىغان كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرى سودىسىغا بىر قاتار چەكلىمىلەرنى قويۇشنى باشلىغان بولۇپ، يېقىندا ماقۇللانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» مۇ مۇشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى قەتئىي مەنئى قىلىش ھەققىدە توختالغان. ئەمما خىتاينىڭ دۇنيا بويىچە پاختا باھاسى ئەڭ ئەرزان رايون بولۇپ قېلىشى يەنىلا نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق شىركەتلەرنى بۇ جايغا كۆز تىكىشكە ئۈندىمەكتە ئىكەن. ئەمما خىتايدىكى پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 80 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىن كېلىدىغانلىقى بولسا تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇرلارنى بۇ خىلدىكى تەمىنات زەنجىرىگە باغلانغان مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىپ تۇرماقتىكەن.
نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئومۇمىي باستۇرۇش تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولماقتا ئىكەن. ئەمما خىتايدىكى بىر قىسىم زاۋۇتلار خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئىشچىلارنى يۇرت-ماكانلىرىدىن يۆتكەپ كېلىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتىكەن. «ئەمگەكچىلەر ھەقلىرى بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى سكوت نوۋا بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇ ھال نۆۋەتتە دۇنيادىكى شىركەتلەر ئۈچۈن بىر قېتىملىق سىناق بولماقتا. ئۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى قىلمىشلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇشىنى پات يېقىندا كۆرىمىز» دېگەن.