ئامېرىكانىڭ «فوربېس» ژۇرنىلىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى

27-ئىيۇن كۈنى، ئامېرىكانىڭ «فوربېس» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش تىرىشچانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى تەلەپ قىلىنغان. ئامېرىكادىكى خادسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئولىۋىيە ئېنوس ئېلان قىلغان بۇ ماقالىدا تەكىتلىنىشىچە، ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان 2022-يىلى 22-ئىيۇندىن بۇيانقى ئىككى يىل مابەينىدە يېتەرلىك سانلىق مەلۇمات توپلانغان. ھالبۇكى، توپلانغان بۇ سانلىق مەلۇماتلار بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىش تەرەققىياتىنى ئانالىز قىلىش، ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بېرىشىنى كۈچەيتىشتە يەنە قانداق قەدەملەرنى بېسىشنى قارار قىلىشىنى يېتەرلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمەكتە ئىكەن.

ئولىۋىيە ئېنوس، ئامېرىكا تاموژناسىنىڭ ھازىرغا قەدەر 3 يېرىم مىليارد دوللارلىق مالنى تەكشۈرگەنلىكى، 700 مىليون دوللارلىق مالنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى رەت قىلغانلىقى، بۇ قانۇن ئامېرىكا خەلقىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە ئىختىيارسىز شېرىك بولۇپ قېلىشتىن ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تىرىشچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشتە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشىنى كۈتمەكتە ئىكەن. ئولىۋىيە ئېنوس، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا قايتا-قايتا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا جەرىمانە قويۇشنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن ساق قالغۇچىلارغا فوند تەسىسى قىلىشنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ قايتا ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىككى يىل ۋاقىت ئامېرىكانىڭ تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلىشى، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كۈچەيتىدىغان قوشۇمچە تەدبىرلەرنى ئېلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ئىكەن. ئولىىيە ئېنوس، ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، «بۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قىلالايدىغان ئۈچ ئىش بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر خەلقى ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنىڭ ئاخىرلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بىزنىڭ ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ» دېگەن.