خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى ب د ت دا سۆزلىتىپ، مەجبۇرى ئەمگەكنى رەت قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.07.01

خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت دا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سۆزلىتىش ئارقىلىق ئ‍ۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىنى رەت قىلىشقا ئۇرۇنغان. خىتاي دائىرىلىرى 29-ئىيۇن كۈنى خىتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىسىدە ئىشلەۋاتقان ئاقتۇلىق بىر ئۇيغۇر ئ‍ىشچىنى تور ئارقىلىق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا سۆزلىتىپ، ئۇنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق «ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقى، مەجبۇرى ئەمگەككە سالغانلىقىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىراق خىتاي ب د ت نىڭ شەرتسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلەپلىرىنى ئ‍ىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن.

ئۇ بۇ قېتىم ئ‍ۆزىنى ئ‍اقلاشتا 2017-يىلدىن بېرى خىتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھرىدىكى بىر زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ئاقتۇلىق ئىشچى يۈسۈپجان ياسىننى قوللانغان.

دائىرىلەر يۈسۈپجان ياسىننى 29-ئىيۇن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 47-نۆۋەتلىك يىغىنىدا سۆزلەتكەن. ئۇ ئ‍ۆزىنىڭ يانفون قۇراشتۇرۇش سېخىدا ئىشلەيدىغانلىقى، ھەر خىل قانۇنىي ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقى، شىركەتنىڭ بىكارلىق ياتاق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، شارائىتىنىڭ تولۇق ئ‍ىكەنلىكى، ھەر ئايدا 4500 سومدىن 5500 سومغىچە مۇئاش ئالىدىغانلىقى، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ۋە ھەپتە ئاخىرىدا دەم ئ‍الىدىغانلىقى، زاۋۇتتا مۇسۇلمانچە تاماق يېيەليدىغانلىقىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇسا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى ھەربىي تۈزۈم بىلەن باشقۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئەركىلىكى يوق ئ‍ىكەن.

بىراق تەنقىدچىلەر خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى ھەربىي نازارەت ئاستىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، جازا لاگېرلىرىدا قىيناش بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە. ئ‍امېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى نىككېي ھېيلېي 1-ئىيۇن كۈنى سىگنالدا ئۇچۇر يوللاپ: «جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ۋە قىيىن-قىستاققا ئۇچراۋاتقان بىر مىليون ئۇيغۇرنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.