«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 4-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، فرانسىيە تېررولۇققا قارشى تۇرۇش تەپتىش ئىشخانىسى زارا (Zara)، يۇنىكلو (Uniqlo) قاتارلىق داڭلىق ماركىلارنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» بىلەن، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرىنى سۈمۈرۈش قىلمىشى بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل 4-ئايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خىتايدىكى قاماقنى باشتىن كەچۈرگەن بىر ئۇيغۇر ئايال يۇقىرىقى شىركەتلەر ئۈستىدىن ئەرز قىلغان. بۇ دەۋا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى داڭلىق كىيىم-كېچەك سېتىش شىركەتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويغان. چۈنكى سېتىلىۋاتقان كىيىم-كېچەكلەرگە ئىشلىتىلگەن پاختىلارنىڭ بەشتىن بىر قىسمى ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىدىكەن. داڭلىق ماركىلارنىڭ مال ۋە خام ئەشيا مەنبەسىنى تەكشۈرگەندە، ئۇيغۇر رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى چوڭ بولىدىكەن.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئادۋوكاتى ۋىللىيام بوردوننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش داڭلىق كىيىم-كېچەك سېتىش شىركەتلىرىنىڭ كىرىم مەنبەسىنى ئېنىقلاشنىڭ قىممەتلىك پۇرسىتى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ تەكشۈرۈشتە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىش بەدىلىگە بېيىغان، ئاندىن ماللىرىنى فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئىمپورت قىلغان شىركەتلەرنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ئىستمالچىلار ئەگەر مال تەمىنلەش لىنيەسىدىكى ئىنسانىي خورلۇقنى تونۇپ يەتسە، بۇ خىل دەۋالار پات ئارىدا باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىز داڭلىق ماركىلارغا شۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىمىزكى، ئەگەر ئۇلار ئۆز قىلمىشىنى تۈزەتمىسە قانۇن ۋە ئىناۋەت جەھەتتىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ».
بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشكە ئىنكاس قايتۇرغان شىركەتلەردىن ئىندىتېكس (Inditex) بىلەن يۇنىكلو كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. ئىندىتېكس شىركىتى «بىز ھەر قانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىغا قارشى تۇرىمىز، شۇڭا بىز مال تەمىنلەش لىنىيەمىزدە بۇ قىلمىشنىڭ كۆرۈلمەسلىكى ئۈچۈن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش قائىدە-بەلگىلىمەرنى تۈزدۇق» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
