فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل 5-ئىيۇل كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئېكران سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەرنى سۆزلەشكەن.
فرانسىيە پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ماكرون بىلەن مېركېلنىڭ ھەر ئىككىلىسى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنداقلا «مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش» تەلەپلەرنى قايتا تەكىتلىگەن.
ئۆتكەن ئايدا ئەنگىلىيەدە چاقىرىلغان G-7 دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى خەلقئارا تەمىنات زەنجىردىدىن تازىلاش قارار قىلىنغان ئىدى. فرانسىيە پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سۆھبەت بۇ يىل كۈزدە ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھاۋا كېلىمات يىغىنى، ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان G-20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنى ئۆز ئىچىگە بىر قاتار خەلقئارا يىغىنلارنىڭ تەييارلىقى ئىكەن.
سۆھبەتتە فرانسىيە، گېرمانىيە رەھبەرلىرى شى جىنپىڭ بىلەن كۆمۈر كان ئېلىكتىر ئىستانسىسىلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە خاتىمە بېرىش، سودا مەسىلىسىدە ياۋروپانىڭ «خىتاي سودا بازىرىغا كىرىش ۋە ئادىل رىقابەت تەلەپلىرى» نى مۇزاكىرە قىلغان. بۇ سۆھبەت شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۈز يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك ۋە خورلۇققا خاتىمە بېرىپ، «چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىشىنىڭ كەينىگە قايتۇرغىلى بولمايدىغان مۇساپە» ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ ئارقىدىنلا ئۆتكۈزۈلگەن.