ياۋروپا ئىتتىپاقى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشكە دائىر نىزامنامە ئېلان قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى 13-ئىيۇل مەخسۇس نىزامنامە ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى سودا ئىشلىرىدىكى تەمىنات زەنجىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلماسلىقىدا بىر مۇھىم قەدەم ئالدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر نىزامنامىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىمپورت ئىشلىرىغا دائىر بارلىق تەمىنات زەنجىرىنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە ماس ھالدا ھەرقانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالى بولۇشىغا كېپىللىك قىلىشى لازىم ئىكەن. بۇ نىزامنامە ھەرقايسى شىركەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر تەمىنات زەنجىرىدىن ساقلىنىشتا ئۈنۈملۈك كۆرسەتكۈچ بىلەن تەمىن ئېتىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋالدىس دومبروۋىسكى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «دۇنيادا مەجبۇرىي ئەمگەككە سورۇن يوق. بۇ ساھەدىكى ھەقلەر دەپسەندىچىلىكىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇ نىزامنامىنى ئېلان قىلدۇق» دېگەن.

گەرچە مەزكۇر نىزامنامىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قەيەردە قوللىنىلىۋاتقانلىقى ئېيتىلمىغان بولسىمۇ، يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا زور كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسى بەرپا قىلىپ چىققانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. شۇڭا بەزىلەر بۇ يېڭى نىزامنامىنىڭ ئاساسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا تەدبىقلىنىدىغانلىقىنى ئالغا سۈرمەكتىكەن.