«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتتى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرقانداق تاۋارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلەيدىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 14-ئىيۇل كۈنى ئاۋازغا قويۇلغان بۇ لايىھە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا تولۇق قوللاش بىلەن ئاۋازدىن ئۆتكەن بولۇپ، بۇ ئامېرىكانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش يولىدىكى مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي بىرلىكتە تونۇشتۇرغان. سېناتور ماركو رۇبىيو بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمالمايمىز، شۇنداقلا ھەرقانداق شىركەتىڭ بۇ دەھشەتلىك زۇلۇمغا شېرىك بولۇپ پايدا ئېلىشىغا يول قويمايمىز».

سېناتور جېف مېركلېي مۇنداق دېگەن: «ھېچقانداق بىر ئامېرىكا شىركىتى بۇ زىيانكەشلىكلەردىن پايدا ئالماسلىقى كېرەك. ھېچقانداق ئامېرىكالىق ئىستېمالچى بىلىپ-بىلمەي مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماسلىقى كېرەك.»

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى كېيىنكى قەدەمدە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلىدىكەن، ئامېرىكادىكى ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرى بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ يوقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېخى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاي تەۋەسىدىكى جەمئىي 14 شېركەتنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا رولى بار، دەپ جازالىغان. شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى سودا كۆرسەتمىسى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا شېركەتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قېلىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.