خىتاي ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قىيىنلاشتۇرماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرخىل ئاماللار بىلەن ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كارخانىچىلارنىڭ مەھسۇلات ۋە زاپچاسلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلانغان ياكى باغلانمىغانلىقى، قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئورۇنلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلىشىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن قىيىنلاشتۇرماقتىكەن. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى چىقىرىپ، بۇنىڭغا ئاساسەن كۆپلىگەن خەلقئارالىق مەسلىھەت بېرىش شىركەتلىرىنىڭ ئىشخانىلىرىغا بېسىپ كىرگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرى ئۈستىدە ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈش ئەپ بېرىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن ھەتتا خەتەرلىك قىلىپ قويغان.

بۇندىن سىرت، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ئېنىق بەلگىلەنگەن مەھسۇلاتلارمۇ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىۋاتقان ئەھۋاللار بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئامېرىكا تاموژنىسىدىكى قىممىتى 800 دوللاردىن تۆۋەن پوسۇلكىلارنى تەكشۈرمەسلىك قائىدىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىشكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 1-ئايدا يەنە «خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ چېگراغا يۈرۈش قىلىشى» (Private Enterprise Advances to the Frontier (PEAF) initiative) دەپ ئاتالغان بىر تەشەببۇسنى يولغا قويۇپ، دېڭىز بويىدىكى ۋە ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئۆلكىلەر بىلەن بىر قەدەر تەرەققىي قىلمىغان چېگرا رايونلىرى ئارىسىدىكى مەبلەغ سېلىش، سودا ۋە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق چېگرا رايونلارنى دۆلەت بازىرىغا بىرلەشتۈرمەكچى بولغان. بۇ دېگەنلىك ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان ياكى ئامېرىكا شىركەتلىرى بىلەن سودا قىلىدىغان شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە باشقا ئەتراپتىكى ئۆلكىلەرگە تۇتىشىدىغان تەمىنلەش زەنجىرى بولىدۇ، دېگەنلىك بولىدىكەن. ئۇلار يەنە 2020-يىلى مايدا ئېلان قىلىنغان قوش ئوبوروت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، خىتاينىڭ ئەرزان ئېكسپورتقا تايىنىشنى ئازايتىشنى، ئۇنىڭ ئورنىغا قىممەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشنى بەلگىلىگەن. ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي رايون قۇرۇقلۇق سودىسىدا ئىنتايىن مۇھىم ھەم شۇنداقلا نېفىت ۋە ئاز ئۇچرايدىغان توپا مىنېرال ماددىلىرى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك بايلىقلارغا باي بولغاچقا، ئۇ مانا بۇ سىياسەتنىڭ مۇھىم مەركىزى ئىكەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي مانا مۇشۇ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدىكى ماللارنى پەرقلەندۈرۈشى، ئۇلارنى چەكلىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ يەردىكى ئەڭ زور قىيىنچىلىق پەقەت يەرشارى ترانسپورت سىستېمىسىدىكى جازادىن قېچىش پۇرسىتى ياكى تەكشۈرۈشكە بولىدىغان چەكلىك بايلىقلا ئەمەس، بەلكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ۋە خىتاينىڭ بارلىق زېمىنىنى مىللىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق كونترول قىلىشىدىن كېلىپ چىقماقتىكەن.