خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا دوكلات تەييارلىغان ئامېرىكادىكى «ۋەرىتې» ناملىق خەلقئارا ئەمگەك مۇپەتتىش شىركىتىنىڭ خىتايدىكى بىر يەرلىك ھەمكارلاشقۇچى تارماق شىركىتىنى تاقىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، شېنجېندىكى «خىتاي ۋەرىتې» ناملىق بۇ شىركەتنىڭ تاقىلىشىغا ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگېكى توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتى سەۋەب بولغان. بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.
بۇ دوكلاتنى تەييارلاشنى ئۇلارغا ئامېرىكادىكى «ۋەرىتې» ئەمگەك مۇپەتتىش شىركىتى ھاۋالە قىلغان بولۇپ، ئۇنى «ۋەرىتې» شىركىتىگە خەلقئارا «ئالىي سۈپەتلىك پاختا تەشكىلاتى» ھۆددىگە بەرگەن. «ۋول-سىترېت ژورنالى» گېزىتىنىڭ 19-ئاۋغۇست بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىشىچە، شېنجېندىكى مەزكۇر خىتاي ئەمگەك مۇپەتتىش شېركىتىنىڭ تاقىلىشى «خىتايدا ئەمگەك نازارىتىنىڭ ئىشەنچىلىكلىگىگە قارىتا سۇئال پەيدا قىلغان.»
«ۋول-سىترېت ژورنالى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە يەنە «بېيجىڭنىڭ شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇشقا زەربە بېرىش ھەركىتىنى كۈچەيتكەنكىلىكى»، شۇنداقلا بۇ خەلقئارانىڭ خىتايدىكى تەمىنات زەنجىرىنى نازارەت قىلىشىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىلىرى بۇ يىل 4-ئايدا شېنجىندىكى «خىتاي ۋەرىتې» نىڭ ئاز دېگەندە 7 نەپەر خادىمىنى سوراق قىلغان. دائىرىلەر يېقىندا ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشقا مەجۇرلىغان ئىدى.