خىتاينىڭ ئېلېكترلىك ئاپتوموبىل باتارېيە مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنىنىڭ تەكشۈرۈشىگە دۇچ كەلگەن

خىتاي دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئېلېكترلىك ئاپتوموبىل باتارېيە ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەركەزلەشكەن، دەپ قارالغان بۇ مەھسۇلات، شۇنداقلا باشقا ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، ئامېرىكا تاموژناسىنىڭ تەكشۈرۈش دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، بۇ مەھسۇلاتلارغا قارىتىلغان تەكشۈرۈشنىڭ كۈچەيتىلىشى، ئامېرىكانىڭ خىتاي تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئامېرىكا تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بىر يىلدىن بېرى، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەشتە، ئامېرىكىنىڭ نىشانى نۇقتىلىق كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرى، پامنىدۇر ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرىغا قارىتىلغانلىقى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈش نىشانى لىتىيلىق ئىئون باتارېيەسى، ئاپتوموبىل كامىرى، ئاليۇمىن، پولات قاتارلىق ئاساسلىق ئاپتوموبىل ماتېرىياللىرىغا قارىتىلماقتا ئىكەن. ئەنگلىيەدىكى ھاللام شېفېلا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلېنا كېنىدىى تەتقىقات مەركىزى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئېلان قىلغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، دۇنيادىكى داڭلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنى زاپچاس بىلەن تەمىنلىگۈچى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك رەۋىشتە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنى ئېيتىشىچە، ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى ئامېرىكا ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنى مۈشكۈل بىر ۋەزىيەتنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. چۈنكى، بۇ كارخانىلارنىڭ زاپچاس ئىمپورت قىلىشتا مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلمىغانلىقىنى ئەمىلى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.

لېكىن خىتاينىڭ دۇنيا كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرى ۋە ئېلېكترلىك ئاپتوموبىل باتارېيە مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى مونوپول قىلىشى، بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا كېتىدىغان پولىسىلىكون، لىتېي قاتارلىق ئ‍اساسلىق ماتېرىياللارنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا مەركەزلىشىشى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەيلى كۈنتاختا بولسۇن ياكى ئېلېكترلىك ئاپتوموبىل باتارېيەسى بولسۇن، بۇلار بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيەدە كۆمۈر، نېفىت گازىغا تايىنىشتىن قۇتۇلۇشى، يەرشارى كىلىماتىنى كونترول قىلىشىدا ھالقىلىق ساھەلەر ئىكەن.