2016-يىلدىن بېرى خىتاي كارخانىلىرى كەڭ كۆلەملىك كۆچۈرۈلۈپ كېلىنگەن ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ بازىسى» دەپ قارىلىۋاتقان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يىللىق ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى (GDP) نىڭ شىددەتلىك ئارتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 6 ئېيىدىكى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى (GDP) خىتاينىڭ 2017-يىلى رايوندىكى چوڭ تۇتقۇنى باشلىنىشتىن بۇرۇنقى، 2016-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئاساسەن بىر قاتلانغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغان بۇ ۋىلايەتنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىشىدىكى بۇ خىل زور ئارتىشنىڭ ئارقىسىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 2017-يىلدىن بېرى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستىراتېگىيەسى» كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق تراگېدىيەلىرىنىڭ يوشۇرۇنۇپ ياتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 24-ئاۋغۇست بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بۇ ۋىلايەتنىڭ يېقىنقى 6 ئايلىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ 64 مىليارد 130 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 4.6 پىرسەنت ئارتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئارتىشىغا «قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى ئىچىدە ئىلگىرىلەش باش خىزمەت نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، قەشقەرچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋىي ئىقتىسادىي سىستېما قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشى، تۈرلەرگە سودىگەر چاقىرىش ۋەزىيىتى ئىزچىل ياخشىلىنىپ، ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ كۈچىيىشى، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ سۈپەت ۋە ئۈنۈمدارلىقىدا ياخشى ۋەزىيەتنىڭ يارىتىشى» تۈرتكە بولغانلىقى تەكىتلەنگەن. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 2016-يىلنىڭ دەسلەپكى 6 ئېيىدىكى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىشى 36 مىليارد 472 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۇنىڭ 6 ئايلىق ئىشلەپچىقىرىشى يېقىنقى 7 يىلدا بىر قاتلانغان. ھالبۇكى، ئىشلەپچىقىرىشتىكى بۇ خىل ئارتىش خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن كارخانىلارنى قەشقەرگە يۆتكەپ كېلىشى، تۇتقۇندا لاگېرغا قامالغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كارخانىلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، مەھسۇلاتلىرىنىڭ پاكىستان ھەم ئوتتۇر ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارالماقتا.