ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە بىرلەشمە چاقىرىق ئېلان قىلىندى
2020.08.31
ئۇيغۇرلار دىيارىدىن ئارقىمۇ-ئارقىدىن مەلۇم بولۇۋاتقان دەلىل-ئىسپاتلار ھازىر غايەت زور كۆلەمدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتىكەن. ئەنە شۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا ئەركىن دۇنيادىكى ئون نەچچە پۇقراۋىي تەشكىلات بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ «ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسى» نىڭ مۇۋەققەت باشلىقى مارك مورگاننى بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشقا چاقىردى.
«ئەركىنلىك بىرلەشمىسى»، «دۇنياۋىي ئەمگەك ۋە ئادالەت»، «ئېتىقادلار ئارا ھەمكارلىق»، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى»، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» قاتارلىق ئون نەچچە تەشكىلات 31-ئاۋغۇست كۈنى بىرلەشمە بايانات شەكلىدە ئېلان قىلغان بۇ چاقىرىقتا خىتاي تەۋەسىدىكى پاختا توقۇمۇچىلىقى بىلەن باغلىنىشلىق بارلىق ھالقىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» بىلەن چېتېىشلىق ئىكەنلىكى تەپسىلىي دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن كۆرسىتىلدى. شۇنىڭدەك ئامېرىكا قانۇنىدا بۇ خىل «مەجبۇرىي ئەمگەك» مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەرقانداق شەكىلدە ئامېرىكا ئىستېمال بازىرىغا كىرىشى مەنئى قىلىنىدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىلدى.
بىرلەشمە باياناتتا كىيىم-كېچەك سانائىتىنى ئاساس قىلغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىردەك ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە مەھكۇم قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دەپسەندىچلىكنىڭ ھازىر بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ھالقىپ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، دۆلەت زوراۋانلىقى ۋە غايەت زور كۆلەمدىكى لاگېرلارغا قاماش قىلمىشى قاتارلىقلارغا كېڭەيگەنلىكى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ زورلۇق ھەرىكەتلىرىنى «دۇنيانىڭ كوللېكتىپ ۋىجدانىغا قارىتىلغان غەزەپتۇر» دېگەنلىكى، ئالدىنقى ئايدا 200 دىن ئارتۇق پۇقراۋىي تەشكىلاتنىڭ «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە مەھكۇم قىلىشقا خاتىمە بېرىش» ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئەمدى بۇ خىل زور كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىسىگە قارىتا كونكرېت ھەرىكەتكە ئۆتۈشنىڭ پەيتى يېتىپ كەلدى» دېگەن. «دۇنياۋىي ئەمگەك ۋە ئادالەت» تەشكىلاتىنىڭ رە’سى جېننىفىر روسېنبام بولسا «ئامېرىكا تاموژنا قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى مەيلى قانداق داڭلىق ماركا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىردەك مەنئى قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلەپ «ھازىر نۇرغۇنلىغان داڭلىق ماركىلار دوللار توپلاشنى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشتىن ئەۋزەل كۆرۈۋاتىدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاموژنىسى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان بىر قىسىم توۋارلارنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق، دەپ مۇسادىرە قىلغان. بۇ خىلدىكى چاقىرىقلارنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشى بولسا ئاشۇ خىلدىكى مۇسادىرە ۋە چەكلەش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.