ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش مەسىلىسى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.10.20

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش مەسىلىسى قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ، ‍ئىچكى ئ‍ىخىتىلاپ پەيدا قىلغان. «پولىتىكو» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بىريۇسسېلنىڭ بۇ يولنى تاللاش-تاللىماسلىقى تېخى ئېنىق ئەمەسكەن. ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ پرېزىدېنتى ئۇرسۇلا فون دېر لېيېن ئۆتكەن ئاي مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە ۋەدە بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قارىتىلغان، دەپ قارالغان.

بىراق «پولىتىكو» نىڭ ئېيتىشىچە، ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ ئالاقىدار بۆلۈملىرى بولۇپمۇ سودا ئەمەلدارلىرى بۇ مەسىلىنى قول كۆيدۈرىدىغان بىر نەرسىدەك تاشلاپ قويغاندەك قىلغان. خەۋەردە، ھازىرقى نېگىزلىك مەسىلە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا چەكلىمىسى قويۇش-قويماسلىقىدا قالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا چەكلىمىسى قويسا، ئۇنىڭ قەدىمى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا ئاللىقاچان چەكلىمە قويغان ئامېرىكا بىلەن ماسلىشىدىكەن.

ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى، فرانسىيەلىك سىياسېئون رافائېل گلۇكېسمان، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى قانۇن چىقىرىپ چەكلەش تەرەپدارلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ «ئەستايىدىللىق شىركەتلەرگە مەركەزلىشىدىغانلىقى، چەكلەش مەھسۇلاتلارغا مەركەزلىشىدىغانلىقى»، «بۇنىڭ سودا قانۇنى سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنىشى» نى، بۇنىڭغا سودا كومىسسارىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە تېز ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ياۋروپا كومىسسىيەسى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، پرېزىدېنت ئۇرسۇلا فون دېر لېيېن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قەيەردە ئىشلەپ چىقىرىلسا چىقىرىلسۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىغا كىرىشنى چەكلەشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.