ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى NBA تەنھەرىكەتچىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلى پاختىسىدىن ياسالغان تەنھەرىكەت كىيىملىرىنى كىيمەسلىككە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-10-21
Share

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى ئامېرىكا بازىرىغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي ۋە مۇئاۋىن رەئىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس ماكگوۋېرن 20-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكانىڭ تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) نىڭ مۇۋەققەت باشلىقى تروي مىللېرغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختىسىنى ئىشلىتىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ ماللىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا ئىمپورت قىلىنىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگەن.

ئۇلار يازغان مەكتۇبىدا بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئامېرىكا ۋاسكىتبول بىرلەشمىسى «NBA» نىڭ مۇسابىقىلىرى باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، تاموژنا ئىدارىسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. چۈنكى NBA تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغان پاختىنى ئىشلىتىدىغان «ئانتا»، «چوققا» ۋە لى-نىڭ» قاتارلىق نەتنەربىيە كىيىم ماركىلىرى بىلەن ھەمكارلىقى بار ئىكەن.

دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى تاموژنا ئىدارىسىغا يەنە مۇشۇ خىلدىكى شىركەتلەرنىڭ تولۇق تىزىملىكىنىمۇ ئەۋەتكەن. مەزكۇر خەتكە يەنە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىسمۇ قول قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى يېقىندا يەنە ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكىبولچىلار جەمئىيىتى (NBPA) گىمۇ خەت يېزىپ، NBA ۋاسكىتبولچىلىرىنىڭ بۇ تەنتەربىيە كىيىم شىركەتلىرى بىلەن تۈزگەن توختامىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا چاقىرغان ئىكەن.

NBA ۋاسكىتبولچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدىكى پاختىغا چېتىلىپ قېلىشى دىققەت قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكادىكى بوستون كېلىتلىقلار كوماندىسى ۋاسكىتبولچىسى ئەنەس كانتەر تىبەتلەرنى قوللاپ ئىپادە بىلدۈرگەن. ئۇ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى «زالىم دىكتاتور شى جىنپىڭ» دەپ تۇرۇپ قىلغان سۆزىدە «تىبەتلەرگە ئەركىنلىك، تىبەت تىبەتلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار،» دەپ سۆز قىلغان.

ئۇنىڭ تىۋىتتېر ئارقىلىق تارقاتقان بۇ سۆزى زور غۇلغۇلا قوزغىغان. تىبەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ھالبۇكى، خىتاينىڭ تېنسېنت شىركىتى دەرھال ئۇنىڭ كوماندىسىنىڭ نيۇ-يورك نىكىس كوماندىسى بىلەن ئوينايدىغان مۇسابىقىسىنىڭ تارقىتىلىشىنى توختاتقان. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى بىلەن NBA بىلەن خىتاي ئارىسىدا يەنە سوغۇقچىلىق باشلايدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت