ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئەڭ كۆپ تەسىرىگە شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئۇچرىغان
2024.10.21
خىتاينىڭ ئامېرىكا 2022-يىلى 6-ئايدىن بېرى قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دىن ئاتلاپ ئۆتۈشتە شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى قوللىنىشى سەۋەبىدىن، بۇ دۆلەتلەر مەزكۇر قانۇننىڭ خىتايدىنمۇ بەكرەك تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرى مەزكۇر قانۇن ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغاندىن بېرى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق 3 مىليارد 560 مىليون دوللارلىق ئىمپورت مەھسۇلاتىنى تۇتۇپ قالغان. ھالبۇكى، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ قىممىتى 3 مىليارد دوللارلىق قىسمى، يەنى 86 پىرسەنتى مالايسىيا، تايلاند ۋە ۋىيېتنامدىن ئىمپورت قىلىنغانىكەن. سىنگاپوردىكى «يۈسۈف ئىساق ئىنستىتۇتى» ناملىق تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچى جايانت مېنون «ئامېرىكا ئاۋاز رادىيوسى» غا قىلغان سۆزىدە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ «ئوتتۇرىدا قىسىلىپ قالغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە، ئىقتىسادشۇناسلار ھەم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ئەھۋالنى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ خىتاي ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىياغا يۆتكىشى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ھالقىلىق تاۋارلاردا يەنىلا مونوپوللۇق ئورۇننى ئىگىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، دەپ قاراۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىدىكى نۇرغۇن ھالقىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئاساسلىق تەمىنلەش بازىسىغا ئايلانغان بولۇپ، بۇ رايون دۇنيا ئاليۇمىن ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ 12 پىرسەنتىنى، پولىسىلىكون مەھسۇلاتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 90 پىرسەنتىنى ئىگىللىمەكتىكەن. ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى كېڭەيتىپ، بۇنى پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىغىمۇ كېڭەيتكەن. خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى «1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر زاۋۇتى» نى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدىن ماتېرىيال سېتىۋالغان بىر خىتاي شىركىتىنى جازالىغانىدى. «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئىقتىسادشۇناسلار ئۆزگىرىۋاتقان تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ خىتايدىن بىۋاسىتە ئېكسپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلىرىدىن سىرت، باشقا مەھسۇلاتلارنىڭمۇ قانداق ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىغا دىققەت قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلماقتا، دەپ كۆرسەتكەن. خەۋەردە، ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر خىتايدىن بىۋاسىتە ئىمپورت قىلىنغان 395 مىليون دوللارلىق مەھسۇلاتنى تۇتۇپ قالغانلىقى، تايلاند، مالايسىيا ۋە ۋىيېتنامدىن ئىمپورت قىلىنىپ تۇتۇپ قېلىنغان 3 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ كۈنتاختا قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.