ئۇيغۇرلار تۈپەيلىدىن يەنە بىر تۈركۈم خىتاي ماللىرى ئامېرىكا بازىرىدىن سىقىپ چىقىرىلدى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تەدبىرلەرنىڭ بىرى مەزكۇر جىنايەتلەرگە شېرىك بولغان تىجارەت لىنىيەلىرىنىڭ تاۋارلىرىنى ئامېرىكا بازىرىدىن چەكلەش بولغانىدى. يېقىندا ئەنە شۇ تەدبىرلەرنىڭ ئەڭ يېڭى ئىجراسى يەنە بىر قېتىم ئەمەلىي يوسۇندا ئىشقا ئاشتى.

«قىرغاق» تورىنىڭ 25-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا بازىرىدىكى چوڭ سودا مەركەزلىرى سانىلىدىغان Best Buy، Home Depot، ۋە Lowes قاتارلىقلار ئۆزلىرىدىكى كۆزىتىش كامېرالىرى ۋە ئ‍ۇلارنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى مال تەكچىلىرىدىن ئېلىپ تاشلىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا بازىرىنى بۇ مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىن ئەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۆلەملىك نازارەت تېخنىكىسىنىمۇ تەمىنلىگەن ئىكەن. بولۇپمۇ Dahua، Hikvision قاتارلىقلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بىۋاسىتە خىزمەت قىلغان شىركەتلەر ئىكەن. Home Depot شىركىتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ «بىز كەسپىي ئەخلاقتا ئېغىر مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەھسۇلاتلارنى سېتىشنى توختاتتۇق» دېگەن.

نۆۋەتتە بۇ كۆزىتىش كامېرالىرى ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى باشقا ئورۇنلاردا ۋە ماگىزىنلاردا سېتىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ بۇ ھەقتە تېگىشلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىشى تەخمىن قىلىنماقتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك تۈپەيلىدىن زور ساندىكى خىتاي شىركەتلىرىنى «قارا تىزىملىك» كە ئالغان بولۇپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ماللىرى ئامېرىكا تاموژنىسىدا مۇسادىرە قىلىنغان. شۇنىڭدەك ئامېرىكا بازىرىغا ئېكسپورت قىلىنىشتىن مەنئى قىلىنغانىدى.