ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزالىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەك پروگراممىسىغا چېتىشلىق ئەڭ چوڭ يېمەكلىك خۇرۇچى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكادىكى «دۆلەتلىك تەقرىز» ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قانچە جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى 26-ئۆكتەبىر ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرى مايوركاس بىلەن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېنغا خەت يېزىپ، بايدېن ھۆكۈمىتىدىن خىتايدىكى يېمەكلىك خۇرۇچى ئىشلەپچىقىرىدىغان «فۇفېڭ گۇرۇھى» مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.
مەكتۇپتا، «‹فۇفېڭ گۇرۇھى›نىڭ شىنجاڭدىكى ئامىنو كىسلاتاسى ۋە زانتان سېغىزى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە 1800 ئىشچى ئىشلەيدىغانلىقى، بۇ گۇرۇھنىڭ بىر تارماق شىركىتى ئامېرىكانىڭ شىمالىي داكوتا شتاتىدىكى گراند فروكس ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئەتراپىدىن دېھقانچىلىق مەيدانى سېتىۋالماقچى بولغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جىم بانكس، جون مولېنار، براد فىنىستاد، داستى جونسون قاتارلىق ئەزالىرى تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ مەكتۇپتا، «بۇ گۇرۇھنىڭ بىئو-تېخنىلوگىيە تارمىقىنىڭ (ئۈرۈمچى) گەنچۈەنباۋ سانائەت باغچىسىغا جايلاشقانلىقى، ئۇنىڭ شۇ جايدىكى 3 ‹قايتا-تەربىيەلەش لاگېرى› غا يېقىن مۇساپىدە ئىكەنلىكى» ئەسكەرتىلگەن. مەكتۇپتا يەنە «فۇفېڭ گۇرۇھىنىڭ خىتاي كومپاتىيەسىنىڭ رايوندىكى كۆرۈنەرلىك تەسىر كۈچى بولغان يېرىم ھەربىي تەشكىلاتى-شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىلەن ‹رەسمىي شېرىكچىلىك› مۇناسىۋىتى بار. ھالبۇكى، ئامېرىكا 2020-يىلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇۇش بىڭتۈەنىگە پاتىيەنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا ئوينىغان يادرولۇق رولى سەۋەبىدىن كىشىلىك ھوقۇق جازاسى يۈرگۈزگەن. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنى كېيىنرەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ خاراكتىرلەندۈردى» دېيىلگەن. پالاتا ئەزالىرىنىڭ مەكتۇپتا تەكىتلىنىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى «فۇفېڭ گۇرۇھى» ئۈستىدىن دەرھال تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا ئامېرىكانىڭ 2020-يىلى ماقۇللانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا ئاساسان جازا بېرىلىشى ياكى بېرىلمەسلىكىنى قارار قىلىشى كېرەك ئىكەن.