ئامېرىكادىكى كۈندىلىك سودا ئۇچۇرلىرى تور بېتى JD Supra دا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش توغرىسىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى 24-ئۆكتەبىر كۈنى «خىتاينىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك» ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزگەن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا 26-سېنتەبىر كۈنى «شىنجاڭدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئەسكەرتمىلىرى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىردەك ھالدا، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، باھاسى تۆۋەن ماللارنىمۇ تەكشۈرۈش، 800 دوللاردىن تۆۋەن ماللارغىمۇ تاموژنا بېجى ئېلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
26-سېنتەبىر كۈنى، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە قارا تىزىملىككە ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇش قىلىنغان «شىنجاڭ تيەنميەن توقۇمىچىلىقى»، «شىنجاڭ تيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىقى»، «شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى» قاتارلىق شىركەتلەر مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنى ئىجرا قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن چېتىشلىق دەپ بېكىتىلگەن.
ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەڭ يېڭى تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ «تاشقى سودىنى قۇلايلاشتۇرۇش» قانۇنىنىڭ 321-ماددىسى، يەنى 800 دوللاردىن تۆۋەن ماللارغا تاموژنا بېجى ئالماسلىق بەلگىلىمىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشتىكى چوڭ يوچۇق دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 7-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو قاتارلىقلار تونۇشتۇرغان «ئىمپورت بىخەتەرلىكى ۋە ئادىللىق قانۇن لايىھەسى»، تاممىي بالدىۋېن (Tammy Baldwin) قاتارلىقلار تونۇشتۇرغان «ئەڭ تۆۋەن ئېتىبار قانۇن لايىھەسى» كەلگۈسىدە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 800 دوللاردىن تۆۋەن ئىمپورت ماللاردىن باج ئالماسلىق بەلگىلىمىسىنى چەكلەش رولىنى ئوينايدىكەن.