ئامېرىكا ئەمەلدارى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە قارشى تۇرماقچى بولغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.11.18

ئامېرىكا بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى ئىجرا قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقاندا، بۇنىڭغا قارشى يوچۇق ئىزدەپ، بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلارمۇ پەيدا بولغان. بۇ ئەھۋالغا قارىتا، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ كۈچلۈك دىققەت ئېتىبارى قوزغالغان.

 ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنسىتىرى روبېرت سىلۋېرس (Robert Silvers) 16-نويابىر كۈنى «ۋول-سىترېت ژۇرنىلى» ئۇيۇشتۇرغان «خەتەر ۋە ھەمكارلىق» تېمىسىدىكى بىر مۇنبەردە سۆز قىلىپ: «ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى قاتتىق تەكشۈرىدۇ ۋە بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلماقچى بولغانلارغا زەربە بېرىدۇ،  ئۇلارنىڭ بۇ جىنايەتنى يوشۇرۇش غەرىزى مەغلۇب بولىدۇ» دېگەن. 

«ۋول-سىترېت ژۇرنىلى» نىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي يىللاردىن بېرى  ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان پەمىدۇر، پاختا مەھسۇلاتلىرى ۋە كۈنتاختا ماتېرىياللىرىنى ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىپ كەلگەن. «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىنغاندىن بۇيان، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرانى قوغداش ئىدارىسى 20-سېنتەبىرگىچە خىتاينىڭ يۈز مىليون دوللار قىممىتىدىكى مېلىنى كىرگۈزمىگەن.

روبېرت سىلۋېرسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي كارخانىلىرى ۋە ئامېرىكا سودا شىركەتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنىڭ قاتتىق سىناقلىرىغا دۇچ كېلىدىكەن. شۇنداقتىمۇ ئامېرىكا تاموژناسى ئىلغار تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشلەرنى كېڭەيتىپ،  ئىمپورت ماللىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكىنى تېزدىن ئايرىپ چىقىپ، ماللارنىڭ كىرىپ-چىقىشىنى راۋانلاشتۇرىدىكەن، شۇنداقلا كارخانىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنىڭ قانداق ئىجرا قىلىنىشى توغرىسىدىكى ئەندىشىسىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىدىكەن.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.