خىتاي ھۆكۈمىتى كۈنتاختا زاۋۇتلىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىنكار قىلدى
2022.11.29
كالىفورنىيەدىكى «بۆسۈش» ئاقىللار مەركىزى (Breakthrough Institute)نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان زور ھەجىملىك دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب دۇنياسىنى تەمىنلەۋاتقان كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بەدىلىگە ئىشلىنىۋاتقانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغانىدى. مەزكۇر دوكلات خەلقئارادا مۇئەييەن دىققەت قوزغىغاندىن كېيىن خىتاي تەرەپ بۇنىڭدىكى بايانلارنى «پۈتۈنلەي تۆھمەت» دەپ رەت قىلغان.
«سودا دۇنياسى» گېزىتىنىڭ 29-نويابىردىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ دوكلاتتا كۈنتاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ قانداق جاپالىق، خەتەرلىك ۋە سالامەتلىككە زىيانلىق بىر جەريان ئىكەنلىكى، رۇدا قېزىش ۋە ئۇنى ئايرىۋاشلاشتا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركۈملەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقى، بۇ ساھەدىكى ئىشچىلارغا تولىمۇ تۆۋەن ئۆلچەمدە ھەق بېرىلىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغانلىقنىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا شېرىك بولغانلىققا باراۋەر ئىكەنلىكى تەپسىلىي پاكىتلار بىلەن شەرھلەنگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۈرۈشتە قىلىش پائالىيەتلىرى خىتاي تەرەپنىڭ كەسكىنلىك بىلەن ئىنكار قىلىشىغا دۇچ كەلگەن.
ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ كۈنتاختا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە «شەرق ئۈمىدى»، «داچۈەن يېڭى ئېنېرگىيە شىركىتى» (Daqo New Energy)، «شىنتې ئېنېرگىيە شىركىتى» قاتارلىقلار ئەڭ چوڭ شىركەتلەر ھېسابلىنىدىكەن. «داچۈەن» گۇرۇھىنىڭ باياناتچىسى كېۋىن خې (Kevin He) بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب قايتۇرۇپ؛ «شىنجاڭدىكى زاۋۇتىمىزدا بىرمۇ ئۇيغۇر ئىشچى يوق. دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يۆتكەش ئارقىلىق ئەمگەك كۈچلىرىنى تولۇقلاش ھاجەتىسز» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەمىن ئەتكەن كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىغا لازىملىق ماتېرىياللارنىڭ 42 پىرسەنتى ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدىكەن. خىتاينىڭ كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرى بولسا دۇنيا بازىرىنىڭ 80 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن.