«زىمىستان» تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 28-كۈندىكى مەخسۇس خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىن ئېكىسپورت قىلىنىۋاتقان خىتاي تاشقىي سودا مەھسۇلاتلىرىغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ھېلىھەم ئارىلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەۋەردە، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي، رايوندىن سىرتقا چىقىرىلىۋاتقان تاشقىي سودا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ھازىرغىچە ئارىلىشىپ كېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 24-نويابىر كۈنى ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقى سودا مىقدارى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئېشىپ، 113 پىرسەنت كۆپەيگەن.
ئامېرىكادىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنزنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئائىت ئەڭ يېڭى تەتقىقاتى يېقىندا ئېلان قىلىنغان. ئۇ بۇ ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېكسپورتنىڭ ئېشىشىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچىنىڭ رايوندا بارغانسېرى كېڭىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتكەن.
دوكتور ئادرىئان زېنز بۇ يىل 25-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۇقۇم خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشى» ناملىق ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ماھىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇر تەكشۈرگەن. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە بۇرۇنقى نەچچە يۈز مىڭلىغان «كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەنگۈچى» لەرنى مەجبۇرىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپلا قالماي، بەلكى يەنە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى «نورماللاشتۇرۇش» قا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە مىليونلىغان «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكە-شەھەرلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دوكتور ئادرىئان زېنز ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېكسپورتنىڭ رېكورت خاراكتېرلىك يۇقىرى سۈرئەتتە كۆپىيىشىنىڭ يەنە بىر مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى، دەل ئۇيغۇر رايونىنىڭ قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودىسىدىكى جىددىي تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك، دەپ چۈشەندۈرگەن. ئۇ، «خىتاي ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىگە قارىتا غەرب دۆلەتلىرى يۈرگۈزۈۋاتقان سودا ئېمبارگولىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زىيانلىرىنى قوشنا دۆلەتلەرگە ھەسسىلەپ كۆپەيتىۋاتقان ئېكىسپورتى ئارقىلىق تولۇقلىماقچى» دەپ كۆرسەتكەن.