ياۋروپا بىلەن خىتاينىڭ سودىسى مەجبۇرىي ئەمگەك تۈپەيلىدىن تىركىشىپ قالدى

يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ مەلۇم بولۇشقا باشلىغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى خىتاي بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە مەبلەغ مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر خىرىسلارنى پەيدا قىلىشقا باشلىدى. نۆۋەتتە ياۋروپا ئەللىرى بۇ تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ئويلىشىپ كۆرۈشكە تەرەددۇت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ 22-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ھەمدە خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى بەلگىلىمىسىنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ياۋروپا دۆلەتلىرى نۆۋەتتە خىتاي بىلەن بولىدىغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتتە بەكلا تەڭقىسلىقتا قالماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ ئۆتكەن ھەپتە ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئ‍ۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىنى ئەيىبلەش ھەققىدە قارار ئالغاندىن كېيىن بۇ خاھىش تېخىمۇ كۈچەيگەن. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رافايىل گلۇكسمان بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «يىغىۋېلىش لاگېرى ۋە زامانىۋى قۇللۇق مەسىلىسى كۆپلىگەن تەشكىلاتلار ئورتاق قارشى تۇرىدىغان تېمىلار» دېگەن.

ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان ئۆزئارا مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىمۇ بۇ تۈپەيلىدىن كەسكىن تەنقىدلەرگە دۇچ كەلگەن. خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ھەققىدە ئەڭ ئاكتىپ بولۇۋاتقان گېرمانىيە رەھبىرى ئانجېلا مېركېر يېقىندا گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسىدىن مارگارېت بائۇسنىڭ «سىز مۇشۇنداق رېئاللىقنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ يەنىلا خىتاي بىلەن سودا قىلىشنى تەشەببۇس قىلماقچىمۇ؟» دەپ سوئال قويۇشىغا دۇچ كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايغا ئوخشاش كوممۇنىزم تۈزۈمىدىكى ۋىيېتنام خېلى بۇرۇندىن تارتىپ خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە بالىلار ئەمگىكىگە خاتىمە بەرگەن. نۆۋەتتە ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتاينىڭمۇ مۇشۇنداق بىر ھالغا يېتىشىنى جىددىي تەلەپ قىلماقتىكەن.