دۇنيادىكى داڭلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئاساسەن ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر دوكلات ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. «ئۈپتوموبىل خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ مالىيە كومىتېتى ھەممەباپ ماتور، تېسلا، فورد ۋە خوندا قاتارلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىگە خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي تەمىنلەش زەنجىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىگە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى رون ۋايدېن بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورلىرىغا يازغان خېتىدە، «ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق بارلىق مال تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. «ئۈپتوموبىل خەۋەرلىرى» نىڭ ئېيتىشىچە، ۋايدېننىڭ خېتى تويوتا، ۋولكىسۋاگېن، كرىسلېرنىڭ ئىگىسى بولغان ستېللانتىس شىركىتى ۋە مېرسىدىس-بېنىز شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىغىمۇ ئەۋەتىلگەن.
ۋايدېننىڭ خېتىدە: «ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈش باسقۇچى زاپچاسلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىغىنى ئىسپاتلىمىغۇچە، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى ئامېرىكادا سېتىشىغا بولمايدۇ ياكى ساتماسلىقى كېرەك، بۇ شىنجاڭدا قېزىلغان ۋە ياسالغان ئاپتوموبىل پارچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېيىلگەن.
«ئاپتوموبىل خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، رون ۋايدېننىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ «شىنجاڭغا چېتىشلىق خام ئەشيا، كان مەھسۇلاتلىرى، پىششىقلاپ ئىشلەش ياكى پارچە زاپچاسلارنى ئىشلىتىشى سەۋەبلىك» ھەرقانداق بىر مال تەمىنلىگۈچىنىڭ مەھسۇلاتىنى بىكار قىلغان ياكى توختاتقان-توختاتمىغانلىقىنى بىلگۈسى بار ئىكەن. رون ۋايدېن خېتىدە، ئەنگلىيەدىكى شېففىلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ ئاساسەن ھەممىسى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پولات، ئاليۇمىن، مىس، باتارېيە، ئېلېكترونلۇق زاپچاس ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىدىغانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرگەن.