ئەنگلىيە سودا مىنىستىرى پەنىي موردائۇنت ئەنگلىيەنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش تەدبىرى ئېلىشى مۈمكىنلىكىدىن بېشارەت بەرگەن. «پولىتىكو» يەنى «سىياسەت» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەنىي موردائۇنت، ئامېرىكانىڭ ھەرىكىتىدىن كېيىن ئەنگلىيەنىڭمۇ بۇ جەھەتتە ئىلگىرىلەپ ھەرىكەت قوللىنىشى مۈمكىنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىسىنى «ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، «مېنىڭچە بۇ بوشلۇقنى تولدۇرىدىغان بەزى يېڭى تەدبىرلەر بار. مېنىڭ بىلىدىغىنىم تاشقى ئىشلار، ئورتاق گەۋدە ۋە تەرەققىيات ئىشخانىسى بۇ ئىشقا ئىنتايىن ئەستايىدىل قاراپ چىقىۋاتىدۇ» دېگەن.
«پولىتىكو» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئەنگلىيەدىكى كونسېرۋاتىپ پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە قارىتا ئۇنىڭغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشكە قىستىماقتىكەن. خەۋەردە، گەرچە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى يوقلىغىنى ئېلان قىلمىغان شىركەتلەرگە جەرىمانە قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھەرىكىتى ھېچقانداق كۈچى يوق، بيۇروكراتلىق رەسمىيەت، دەپ تەنقىد قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە نوپۇزلۇق كونسېرۋاتىپ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكاغا ئوخشاش قانۇن چىقىرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى، پارلامېنت تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى تام تۇگېنخەتنىڭ ئەنگلىيە «شىنجاڭدىن قۇل ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماسلىقى كېرەك» دېگەنلىكى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تام تۇگېنخەت يەنە «مەن يېڭى يىلدا ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورتنى تەكشۈرۈشتە تېخىمۇ كۆپ ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشىنى ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.